خىتاينىڭ يۈز - ئابرويى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ئايرىم سىياسىي كۈچ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىغا باغلىق
لېكىن، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ سۆزىنى تەنقىد قىلدى. ئولىمپىك تارىخىغا بېسىلغان نەرسە ئەسلى تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاھۇ - زارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن سىدىق ھاجى روزى، خىتاي پەقەت تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئايرىم بىر سىياسى كۈچ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغاندىلا، خەلقئارادا ئۆزىگە تېگىشلىك يۈز - ئابرويغا ئىگە بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ بۇ ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.