بىراق 3 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاخباراتى ئېلان قىلىنغاندا خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزلىرى قىسقارتىۋېتىلدى. بەلگىلەنگەن سىياسەتنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق پۇقرالارنى ئالداش، لېكىن بەلگىلەنگەن سىياسەتنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلىش؛ سىياسەت بەلگىلەش لېكىن ئاشكارىلىماسلىق، ئەمما سىياسەتنى يوشۇرۇن يولغا قويۇش 50 - يىللاردىن باشلاپ خىتاي رەڭۋازلىقىنىڭ سىياسەتتىكى ئىپادىسى بولۇپ كەلگەن.
بۇ قېتىم 3 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن ئىككىنچى قېتىملىق يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى يەنى بىرىنچى قېتىملىق يەر ئىسلاھاتىدا تېرىلغۇ يەرلەرنى دېھقانلارنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككىنچى قېتىملىق يەر ئىسلاھاتى ئارقىلىق تېرىلغۇ يەرلەرنى دېھقانلارنىڭ قولىغا قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولغان بولسا، تېرىلغۇ يەرلەرنى ئائىلىلەرگىچە كۆتۈرە بېرىش تەرەققىياتنىڭ تەلەپلىرىگە ماسلىشالمىدى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ قويدى دەپ قارىغان بولسا، شۇنىڭ ئۈچۈن تېرىلغۇ يەرلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئېلىپ سېتىشقا يول قويىدىغان، شۇ ئارقىلىق ئۈششاق دېھقان ئىگىلىكىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، يېزا - ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا يول ئاچىمىز دېگەن بولسا،خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بۇ سىياسەتنى چوقۇم شۇنداق يولغا قويىدۇ. چۈنكى زاماننىڭ تەرەققىيات تەلەپلىرىگە تاقابىل تۇرالمايدۇ. بىراق خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزلىرىنى ئاخباراتنىڭ مەزمۇنىغا كىرگۈزمىگەندە ئېھتىمال ھازىر جاۋاب جەمئىيەتنىڭ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇشىدىن ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك.
يېزا خىزمەت يىغىنىنىڭ چاقىرىلىشى، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادى كرىزىس يۈز بېرىپ پۈتۈن دۇنياغا كېڭىيىۋاتقان بىر پەيتكە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى تۆۋەنگە سېرىلىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى. ئىقتىسادنىڭ داۋالغۇشىغا، مەبلەغ سېلىشنىڭ كېمىيىشكە، تاشقى ئېھتىياجنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە دۇچ كەلگەن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى، مۇرەككەپ ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتكە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقان بىر پەيتتە يىغىن چاقىردى. بۇ يىغىننىڭ چاقىرىلىشى ۋە يىغىندا بەلگىلەنگەن سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەتكە بىر سىناق بولۇپ قالدى.
جۇڭگودا ئۆسۈپ بېرىۋاتقان ئىستىمال تەلەپلىرىگە مۇۋاپىق ماسلىشالمىغان دېھقانلارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تاشقى سودىغا تايىنىپ قالغان ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى،ئىچكى سودىغا تايىنىپ تەرەققى قىلدۇرۇش خام - خىياللىرىغىمۇ ماسلىشالمىدى.شۇڭا،يەر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك دېھقانلارنىڭ ئىجتىمائىي سېتىۋېلىش كۈچىنى ئاشۇرماقچى بولغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى، تېرىلغۇ يەرلەرنى ئېلىپ - سېتىش ھوقۇقىنى دېھقانلارغا قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولدى.
مېنىڭچە مەسىلە ئۇنداق ئاددى بولمىسا كېرەك. خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئارىلىقتا "مۈلۈكچىلىك ھوقۇقى قانۇنى"نى ئېلان قىلدى. لېكىن ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش ھازىرغىچە خىيالىغىمۇ كىرىپ باقمىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ "ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت تەرەققىياتى خەلقئارا ئەھدىنامىسى" غا ئىمزا قويغاندىن كېيىن خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەستىقلىغاندەك بولدى. ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ "پۇقرالار ھوقۇقى، سىياسى ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى" نى تېخىچە تەستىقلىمىدى.
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تۈزۈپ تارقاتقان "مۈلۈكچىلىك ھوقۇقى قانۇنى" ۋە بۇ قېتىم 3 - ئومۇمىي يىغىندا تېرىلغۇ يەرلەرنى ئېلىپ - سېتىش سىياسىتىنىڭ بەلگىلىنىشى دەل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ يۇقىرىقى ئىككى پارچە قانۇنىنىڭ روھىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنى خىتاينىڭ قانداق سىياسەت بەلگىلىگەنلىكىدە ئەمەس، بەلكى يۇقىرىقى قانۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي قانۇننىمۇ ئۆزگەرتىپ ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ ھوقۇق تەلەپلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدۇر.
