پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى جۇڭگوغا يىتىپ كېلىشى مۇمكىنمۇ ؟

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى ليۇ شاۋجۇ ئەپەندى "پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى جۇڭگوغا قاچان يىتىپ كېلىدۇ؟" ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: بەلكىم كېلەر يىلى، بەلكىم بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن... پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى خۇددى خەلقئارا پويىزغا ئوخشايدۇ، بۇ پويىز 1997‏ - يىلى ئاسىيادىن يولغا چىقىپ رۇسىيىگە، ئاندىن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە يىتىپ كەلگەن.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2008.10.17

بۈگۈن نيۇيورك شەھىرىگە يىتىپ كەلدى. بىر ئايلىنىپ ياۋروپاغا يىتىپ كېلىشىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن خەلقئارا پويىزنىڭ ئاخىرقى بېكىتىنىڭ جۇڭگو ئىكەنلىكى توغرىسىدا گۇمان قىلىشقا بولمايدۇ. 2009‏ - 2010‏ - يىللىرى ھالقىلىق پۇرسەت بولۇپ، بۇ پۇرسەت شەرققە ماڭغان پويىزنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىر دۇنياۋىي تىل بىرىكتۈرۈپ، جۇڭگو پۇقرالىرى ئاشكارا پىلانلاپ جۇڭگودا بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى.

ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگوچە ئېيتقاندا خەلقئارا ۋەزىيەت، ئىچكى ۋەزىيەت پىشىپ تەييار بولدى. خەلقئارا ۋەزىيەتتىن ئېيتقاندا بازارنىڭ ئېھتىياجى يېتەرلىك بولمىغاچقا، جۇڭگونىڭ ئېكىسپورت تاۋارلىرىنى ئىستىمال قىلالمىدى.

زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ۋەقەسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگودا ئىش چىققان ھامان قۇدۇققا تاش تاشلاندى. دۇنيا ئۆرە - تۆپە بولۇپ كەتتى. بۇ ئىشنى باشقىلاردىن كۆرگىلى بولامدۇ؟ پەقەت بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىنلا كۆرۈش كېرەك. ئامېرىكىدا ئازراق قىيىنچىلىق پەيدا بولسا، تەرەپ - تەرەپتىن ياردەم كېلىدۇ.مۇبادا جۇڭگو قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسە كىم كېلىپ ياردەم قىلىدۇ؟ كەلگۈسىدە ئازراق شەپە بولىدىغانلا بولسا، چەتئەل كاپىتالى جۇڭگودىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن باشقا، بەزىلەر ئىچكى كاپىتالنى چەتئەلگە ئېلىپ قاچىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىر نەچچە مىلياردلىق پېرېۋوت زاپىسىنىڭ نېمە رولى بار؟ سىرتقا چىقىرىۋەتكەن كاپىتالنى قايتۇرۇپ كېلەلمەي تۇرغاندا ئۆيگە يوشۇرغاننى ساقلاپ قالغىلى بۇلارمۇ؟ ھەممە ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولىدۇ. قائىدە بەك ئاددى - سىنىڭ قىلىۋاتقىنىڭ چەتئەل بىلەن ئۇچرىشىش ئەمەس. قىلىۋاتقىنىڭ ئېنىق ئەمەس ياكى ئايدىڭ ئەمەس. جۇڭگونىڭ ئەمەس ياكى چەتئەلنىڭ ئەمەس. ئۇ ئەمەس، بۇ ئەمەس، ھېچ نەرسە ئەمەس. پۇلنى مەبلەغ سېلىشقا بولىدۇ، پايدىسى بىلەن قايتۇرۇپ كېلىش - بۇ باشقا گەپقۇ؟ بۇ يەردە لىيۇ شاۋجۇ ئەپەندى نېمە دېمەكچى؟ جۇڭگو ئۇچىسىغا جۇيازا كىيىۋېلىپ، بېشىغا قالپاق كىيىۋېلىپ، پۇتىغا لاتا خەي كىيىپ، دۈمبىسىگە چىغ شىلەپىنى ساڭگىلىتىۋېلىپ، قولىدا يەلپۈگۈچ ئوينىتىپ، ئازراق باي بولۇپ يول ماڭغاندا ئالچاڭلاپ مېڭىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوينىغا كىرەلمەيدۇ. دېمەكچى بولىدۇ. ليۇ شاۋجۇ : جۇڭگونىڭ خەلقئارا سودا ئەخلاقى بولۇشى، خەلقئارا تەرتىپ، خەلقئارا سودا - تىجارەت تەرتىپلىرى ۋە قائىدىلىرى، خەلقئارا مۇناسىۋەت تەرتىپلىرى، خەلقئارا دېموكراتىيە تەرتىپلىرى نېمە تەلەپ قىلسا جۇڭگو تەلەپكە بىجا كەلتۈرۈشى كېرەك دېمەكچى بولىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: چەتئەل كاپىتالىنىڭ جۇڭگودىن چېكىنىشكە باشلىغانلىقى، ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بولۇپ قالدى. بىرىنچىدىن چەتئەللىكلەر كۈچنى تارتىپ كەتتى.ئىككىنچىدىن دۆلەتنىڭ ئىچكى مەسىلىسى سەۋەب بولدى يەنى دۆلەت ئىچىدە بانكىنىڭ يامان ھېساباتى ئامېرىكىنىڭكىدىن يامان بولۇپ، جۇڭگودا ئىچكى بازارنىڭ ئېھتىياجى يېتەرلىك بولماي تاۋارلار بېسىلىپ قالدى. شىركەتلەر تاقىلىشقا باشلاپ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار بانكىنىڭ يامان ھېساباتىنى كۆپەيتىۋەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنياۋى ئىقتىسادى كرىزىس پارتلىدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىچكى ‏ - تاشقى ۋەزىيەتنى خۇ جىنتاۋ ئەپەندى بىر قوللۇق پەيدا قىلدى. جۇڭگوغا پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى يىتىپ كەلدى. خۇ جىنتاۋدا باشقا چارە قالمىدى ياكى كۆپەيتىپ پۇل بېسىپ پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيىسى قاغدىلىپ قاق سەنەم بولۇپ قاراپ تۇرىدۇ. ھوقۇق يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىدىن ئايرىلىدۇ. ياكى ئىككى خىل ھادىسە بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىدۇ. بوران - چاپقۇن جۇڭگوغا يىتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. بۈگۈن پۇلنى سانىماي جىڭلاپ خەجلىگەن بايۋەچچىلەر ئەتە بىنادىن ئۆزىنى تاشلايدىغان بايۋەچچىلەردۇر. ۋاقتى كەلگەندە جۇڭگو پۇقرالىرى سېسىپ لەش بولۇپ كەتكەن تۈزۈمگە ۋاي ئېسىت دېمەسلىكى لازىم. رۇسىيىلىكلەر بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىنى ئاللىقاچان ئاغدۇرۇپ تاشلاپ خەلقنى بالايى - ئاپەتتىن ساقلاپ قالدى، 2009‏ - يىلى ياكى 2010‏ - يىلى پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى جۇڭگوغا يىتىپ كېلىدۇ. بىز ئىقتىساد ساھەسىدە ئىمتىيازلىقلار ئىگىلىكىنى بىراقلا گۇمران قىلىپ، سىياسىي ساھەدىمۇ بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىنى بىراقلا گۇمران قىلىشىمىز كېرەك. ۋاقىت يىتىپ كەلدى ساقلاپ تۇرۇشقا بولمايدۇ، - دەيدۇ ليۇ شاۋجۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.