'تەكلىپ ۋە تەۋسىيىلەر' توغرىسىدا تەكلىپ ۋە تەۋسىيە

2010 - يىلى 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تور بېتىگە قويۇلۇۋاتقان ۋە رادىئودا ئاڭلىتىلىۋاتقان، "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى"دىن كېيىن "ئۇيغۇرلار يېزىپ تارقاتقان 'تەكلىپ ۋە تەۋسىيە' دېگەن ھۆججەتنىڭ نۇسخىسى ھازىر ئامېرىكىدا" ماۋزۇلۇق خەۋەرنى ئوقۇپ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولدۇق.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2010-10-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

زوراۋانلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىنىۋاتقان يەنە كېلىپ مىللىي مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان بىر مىللەت ‏ - ئۇيغۇرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىرى، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىدا قەتلى قىلىنغان ئوغۇل - قىزلىرىنى تۈنۈگۈنلا ئۇزىتىپ قويۇپ قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشالماسلىق ئەھۋالى توغرىسىدا، خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى توغرىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىشى، يېڭى زامان دېھقانچىلىق تېخنىكىسىدىن خەۋەردار بولۇشى، قىسقىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىش مۇمكىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا "تەكلىپ ۋە تەۋسىيە" يېزىپ جەمئىيەتكە تارقاتقانلىقى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا يوللىغانلىقى، شۇ دەرىجىدە جۈرئەت قىلىش - بىر مىللەت ھەتتا بىر ئادەم ئۈچۈنمۇ ھەقىقەتەن ئالقىشلاشقا ئەرزىيدىغان، ھۆكۈمەت بىلەن مۇستەملىكە جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىدە كەمدىن - كەم ئوتتۇرىغا چىقىدىغان جۈرئەتلىك قاراملىقتۇر.

'تەكلىپ ۋە تەۋسىيە'دە "شىنجاڭدا مىللىي زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشى" دېگەن ماۋزۇغا كەلسەك، 'تەكلىپ ۋە تەۋسىيە'دە "يۇقىرىنى ئالداپ - تۆۋەننى بېسىش ... ئايرىمىچىلىق قىلىش ... سولچىل سىياسەت يۈرگۈزۈش نەتىجىسىدە ... نەپ بېرىش خەنزۇ ئاھالىسىغىلا مەركەزلەشكەنلىكى ئۈچۈن ... ئۆتكۈر مىللىي زىددىيەت پەيدا بولدى ... شىنجاڭدا مىللىي زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشى ۋاڭ لېچۈەن، ئەركىن ئىمىر باقى، نۇر بەكرى، ياڭ گاڭ، ئەسقەت كېرىمبايدەك ... شىنجاڭدىكى سىياسىيۇنلارنىڭ ناتوغرا سىياسىتى ۋە ھەرىكەتلىرىدىن بولغان ... دېيىلىپتۇ.

شۇنداق، ئۇزۇندىن بېرى، مۇستەملىكە ئۇيغۇر دۆلىتىدە "سىياسەت جۇڭنەنخەيدىن چىقمايدۇ ... چىقسىمۇ ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلگىچە ئايروپىلاندىن چۈشۈپ قالىدۇ ... جۇڭنەنخەي، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ياخشى ئىدى ... ئەمما تۆۋەندىكىلەر، ئاپتونوم رايوندىكىلەر بۇ سىياسەتنى بۇرمىلايدۇ ... ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنغان ئادەم ئەگەر بېيجىڭدا بولسا قولغا ئېلىنمايتتى ... دەيدىغان بالىلارچە ئىشەنچتىن پەيدا بولغان ئۈمىدۋارلىق مۇستەملىكە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. بىلىۋېلىشىمىز زۆرۈركى، ئاپتونوم رايوندا ۋاڭ لېچۈەن يۈرگۈزگەن ھەر قانداق سىياسەت خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن سىياسەتتۇر. نۇر بەكرى، ئەركىن ئىمىر باقى، ئەسقەت كېرىمباي قاتارلىقلار ئىجرا قىلىۋاتقان ھەر قانداق سىياسەت خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن سىياسەتتۇر.

بىراق، بۇ ئۇچ نەپەر كىشىگە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قويغان تەلىپى يەنە باشقىچە "غالچىنىڭ ساداقىتى"نى قانداق ئىپادىلەش جەھەتتە ھەرىكەتتە ئاكتىپ بولۇش، ئىدىيىدە "پاكىز" بولۇش، مەركىزى ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش جەھەتتە ئىككىلەنمەسلىكتىن ئىبارەت سىياسەتتۇر.

غالچىلارنىڭ بۇ سىياسەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى لازىم بولىدۇ.

يۇقىرىقىدەك قاراشلاردىن كېلىپ چىقىدىغان سىياسەت مەنتىقىسى قانداق بولىدۇ؟ ۋاڭ لېچۈەن سولچىل سىياسەت يۈرگۈزمىگەن بولسا مىللەتلەر ئىتتىپاقى ياخشى بولاتتى ... ئەسقەت كېرىمباي، نۇر بەكرى، ئەركىن ئىمىر باقى "غالچىنىڭ ساداقىتى"نى كۆرسەتمىگەن بولسا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ئەمىن بولاتتى ... مەركەزنىڭ "ياخشى" سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولسا، شىنجاڭدا ھەممە ئىشلار ياخىشى بولۇپ كېتەتتى ... دېمەك، مۇستەملىكە دېگەن بۇ ئىبارىنى ئۇنتۇپ قالغاندا سىياسەت مەنتىقىسى ئەنە شۇنداق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

مېنىڭچە، 1876 - يىلى بەدۆۋلەت ياقۇپبەگ قۇرغان مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن زۇ زۇڭتاڭ مانجۇ - خىتاي ئوردىسىنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلاتتى.1949 - يىلى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى يېڭى قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ نوپۇزى ئەخمەتجان قاسىمىنى ستالىن بىلەن ماۋ زېدۇڭ بىرلىشىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتىگە تاجاۋۇز قىلىپ "شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولدى" دېگەن ۋاڭ جىن، ماۋ زېدۇڭ بەلگىلەپ بەرگەن سىياسەتنى ئىجرا قىلاتتى.

بۈگۈنكى ۋاڭ لېچۈەن جۇڭنەنخەيدە خۇ جىنتاۋ بەلگىلەپ بەرگەن سىياسەتنى ئىجرا قىلدى. ئۇسۇل - چارىلەر ئۆزگىرىپ تۇرسىمۇ ئشىنىڭلاركى، مۇستەملىكىچى خىتاي دۆلىتىنىڭ ماھىيىتى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ.

"تەكلىپ ۋە تەۋسىيە" يازغاندا پرىنسىپال مەسلىلەردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىپ، خىتاينىڭ ساختا قانۇنلىرىنى شىپە كەلتۈرۈپ يېزىش - بىرخىل ئۇسۇل سۈپىتىدە قىممەتلىكتۇر.

تولۇق بەت