ئەرز شىكايەت قىلغۇچىلار دولقۇنى، مەجبۇرىي ئۆي كۆچۈرۈش ھەرىكىتى، قارا خۇمدان، قارا تۈرمە ۋەقەلىرى، ۋىڭئەن ۋەقەسى، ياڭجيا پالۋان ۋەقەلىرى، بومبىنى مەيدىسىگە تېڭىپ پارتلىتىش ۋەقەلىرى بۈگۈن چاك - چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتكەن جەمئىيەتنى بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويدى. جەمئىيەتنىڭ چاك - چېكىدىن بۆسۈلۈپ كېتىشى زورىيىشقا، كېڭىيىشكە باشلىدى. "ئىسلاھات ئاللىقاچان ئۆلدى"، دېدى ئاپتور. نېمە دېمەكچى؟ ئىسلاھات سىياسەت سۈپىتىدە ئاقمىدى،ئىسلاھات بىر پىرىنسىپ سۈپىتىدە جۇڭگو جەمئىيىتىدە قوبۇل قىلىنمىدى، ئىسلاھات جەمئىيەتنىڭ زۆرۈرى تەرەققىيات تەلەپلىرىنى قاندۇرالمىدى يەنى ئىسلاھات تارىخى ۋەزىپىسىنى رۇسىيىدە ئادا قىلغاندەك ئادا قىلالمىدى دېگەنلىكتۇر. شۇڭا ئاپتور ئىسلاھات ئۆلدى دەپ خۇلاسە چىقاردى.
ئىسلاھاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەلىرى ئۇپراپ تۈگىدى، ئىككىنچى قېتىم مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىش كېرەكمۇ؟، جۇڭگو جەمئىيىتى ئەكسىلئىنقىلابى دەۋرگە كىرىپ قالدى دەيدىغان سۆز - ئىبارىلەر،ئىسلاھاتنى مەدھىيىلەيدىغان سۆز - ئىبارىلەرگە قارشى قويۇلۇپ، ئىسلاھاتنى ھەر بىر ئادەم ئەيىبلەيدىغان بىر ھال جەمئىيەتتە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىسلاھات ۋە ئىسلاھاتنىڭ ئايرىم نەتىجىلىرىنى پۈتۈنلەي قارىلاشقا مەن قوشۇلمايمەن -،دەيدۇ چۈيۆ ئەپەندى، - ئىسلاھات پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش ساپاسىنى ياخشىلىدى. ئەمما جەمئىيەتتە زىددىيەتلەرنىڭ دۆۋىلىنىپ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇشىغا ئىسلاھات سەۋەبچى ئەمەس بەلكى قالاق سىياسى،ئىجتىمائىي تۈزۈم سەۋەبكار بولدى. شۇڭا، - دەپ كۆرسەتتى چۈيۆ ئەپەندى، - بىر نەچچە ئىمتىيازلىق تەبىقىلەر بىلەن زور كۆپچىلىك ئاجىز پۇقرالارنىڭ جىددىي تىركىشىشى شەكىللىك ھالەتكە كىرىپ، تەرەققىيات يۈزلىنىشى ھەر بىر كىشىنى ئەندىشە - ۋەسۋەسىگە سالماقتا.
ھوقۇققا تايىنىپ پۇشتى - پاناھىنى ئىزدەش ئەندىزىسى دائىرىسىدە زور كۆلەمدە پۇلنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش، يەر - مۈلۈكنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش، قىزىل ۋە قارا جەمئىيەت كۈچلىرى قول تۇتۇشۇپ تالان - تاراج قىلىش جەمئىيەتنىڭ ئىككى قۇتۇپقا پارچىلىنىشىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. قارا جەمئىيەت كۈچلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى دەپ ئېلىپ بېرىلغان 80 كۈنلۈك ھەرىكەتتە، يېقىندا، چۇڭچىڭ شەھىرىدە 10مىڭغا يېقىن كىشى قولغا ئېلىندى. يەنە شۇنداق قولغا ئېلىنسا، تۈرمە تېپىلارمۇ؟دۇنياۋى پۇل - مۇئامىلە سېستىمىسىنىڭ بوران - چاپقۇنلىرى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئۆتكۈر ئىجتىمائىي زىددىيەتلىرىنىڭ نىقابلىرىنى ئېچىۋەتتى. ئېكىسپورت مىقدارى جىددىي تۆۋەنلەشكە باشلىدى. ئىنتايىن كۆپ ئوتتۇرا - كىچىك كارخانىلارغا مەبلەغ يېتىشمەي قالدى. چەتئەل مەبلىغى جۇڭگوغا كىرىشكە ئەمەس بەلكى جۇڭگودىن چېكىنىشكە باشلىدى.
كوچىلارغا نامايىش قىلىپ چىققان ئىشسىزلار خەتەرلىك سان كۆرسەتكۈچىنى تولۇقلايدىغان يېڭى كۈچكە ئايلاندى. نۇرغۇن ئالامەتلەر كۆرسەتتىكى، جىددىي تىركىشىشنىڭ كەسكىن قارشىلىشىشقا ئايلىنىشى، تامنىڭ ئىچىدىكى ۋەزىيەت ۋە تامنىڭ سىرتىدىكى خەتەرلىك ۋەزىيەت كوممۇنىست خىتايلارنى ياكى پۇقرالار بىلەن يارىشىشقا مەجبۇرلىماقتا، ياكى جەمئىيەتكە يىتىپ كېلىۋاتقان ئىنقىلابقا يۈزلىنىشكە مەجبۇرلىماقتا.
ئىمتىيازلىقلار تەبىقىسى ياكى ھوقۇقدارلار دۇچ كەلگەن تاللاش شۇ بولدىكى؛ قىسمەن مەنپەئەتنى ياكى قىسمەن ھوقۇقنى پۇقرالارغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ،پۇقرالار بىلەن يارىشىپ ھاياتلىققا ئورتاق ئىزدىنىش ياكى يەنىمۇ زوراۋانلىق قىلىپ، داۋاملىق باستۇرۇپ، نازۇ - نېمەتلىك دۇنيانى ۋاقىتلىق ساقلاپ قېلىپ، ئۆلۈمگە جۇڭگو جەمئىيىتى بىلەن ئورتاق يۈزلىنىش، مەغلۇبىيەتكە ئورتاق يۈزلىنىش. دېمەك خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدىمۇ؟
ئۇنىڭدىن باشقا، پۇقرالار جەمئىيىتىمۇ ئوخشاش تاللاشقا دۇچ كەلدى. ھۆكۈمرانلار پۇشايمان قىلىدىغان بولسا،كەچۈرۈم قىلىش كېرەكمۇ - يوق؟ جىنايىتىنى تونۇش بىلەن ھېساب ئېلىشنى ئالماشتۇرۇش شەرتى قىلىش كېرەكمۇ، يوق؟ زوراۋانلىققا زوراۋانلىق بىلەن قارشى تۇرۇپ مىلتىق كۆتەرگەنلەرنى تام تۈۋىگە قىستاپ كېلىپ، ئۇلارنى ئوق چىقىرىشقا مەجبۇرلاش ئاقىلانىلىق بولامدۇ، بولمامدۇ؟ ئاقىلانە سىياسەت بولامدۇ، بولمامدۇ؟ - دەپ كۆرسەتتى چۈ يۆ ئەپەندى.
