جۇڭگونىڭ ئۇرۇش غالجىرلىقى نەزەرىيىسى

خىتاينىڭ "يەر شارىغا نەزەر" تور بىتىدە ئېلان قىلىنغان" جۇڭگونىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر" ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ: ئامېرىكا جاھانگىرلىكى تولا ئەۋزەيلىمە"دېدى ماۋزۇلۇق ماقالە ،2010-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى "شىنلاڭ بىلوگى"دىن" ۋەنۋىي تور بېتى"گە چاپلاندى.
ئوبزورچىمىز سىدىك ھاجى روزى
2010.11.26

"...2008-يىلى دۆلىتىمىز دۇڭفىڭ -31بەلگىلىك راكېتانى سىناق قىلىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىگۈچى پاراخۇتلىرى سېرىق دېڭىز تەۋەسىگە يۇشۇرۇن كىردى...ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىگۈچى پاراخوتلىرى جۇڭگونىڭ شەرقى دېڭىز تەۋەسىدە ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولغاندا، جۇڭگو پاراخوتلىرى غەيرىي رەسمى ئۇچراشتى...جۇڭگو پاراخوتلىرى ئۇچۇر يوللاش شەكلىدە بىر قانچە قېتىم سىگنال بېرىپ ، پائالىيەتنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى،دېيىلدى ماقالىدە.

"...ئامېرىكىنىڭ رازىۋېتچى پاراخۇتلىرى جەنۇبىي دېڭىزدا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، ۋەقە پەيدا قىلغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر ھۇجۇم قىلىپ چۆكتۈرۈۋېتىپ، ئۆزىمىزنى كۆرسىتىپ قويۇشىمىز كېرەك دېيىشتى... جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەمەلىي كۈچىدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ رازىۋېت پاراخۇتىنى چۆكتۈرۈۋېتىش ھېچقانچە كۇچ تەلەپ قىلمايدىغان ئىش ئىدى...لېكىن جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتكەن ھامان ئامېرىكا دەرھال جۇڭگوغا ئۇرۇش ئېلان قىلاتتى...چۈنكى ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى مەنپەئەتىدىن ئېيتقاندا، بىر مەيدان ئۇرۇش قىلىشقا ئىنتايىن ئېھتىياجلىق...ئامېرىكا ئۇرۇش قوزغىغاندا ئۆزىنى ئادالەت بىلەن ئىش كۆرىدىغان دۇنيا ساقچىسىنىڭ ئورنىغا قويۇپ، دەبدەبىلىك بىر باھانىگە- جۇڭگو ئاۋۋال ئوق ئاتسۇن دەيدىغان باھانىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ... "دېيىلدى ماقالىدە.

"...ياۋروپادىكى بىر قانچە دۆلەتلەر گەرچە ھازىرقى زامان ئۇرۇشىنى قوزغاپ باي بولغان ئەجدادلار ھېسابلانسىمۇ، قەدىمقى دەۋرلەردە نەيزىگە تايىنىپ،ئادەم بىدىكچىلىكى بىلەن باي بولۇشنى، ئۇرۇش بىلەن تاۋار ئشلەپچىقىرىشنى يېتەكلەش ئېھتىياجى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ باي بولغان ئىدى...شۇنداق بولغاندا ئۇرۇش بىلەن باي بولۇشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان دۆلەت يەنىلا ئامېرىكا ئالۋاستىلىرىدۇر" دېيىلدى ماقالىدە.

ماقالىدە يەنە:ئامېرىكا بىر مەيدان ئۇرۇش قىلىشقا ئېھتىياجلىق...ئەتراپىغا قاراپ باقسا، ياۋرۇپا بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بولمايدۇ، ئوتتۇرا شەرقتە ئۇرۇش قىلسا جېنىدىن تويغانلارغا دۇچ كېلىدۇ... كورىيىگىمۇ چېقىلغىلى بولمايدۇ... جاننى قايرىۋېتىپ ئۇرۇش قىلىدۇ...شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ دوستى، نېمە دېسە گەپ ئاڭلايدۇ.
قالدى ھەمدە جۇڭگو. ھازىر پۇل تېپىپ باي بولدۇم دەۋاتىدۇ. ھەم جان كېرەك، ھەم پۇل كېرەك دەۋاتىدۇ... ئامېرىكا قۇلاق تۈۋىگە سېلىپ تۇرسىمۇ ، جۇڭگو يەنىلا كۈلۈپ تۇرىدىغان دۆلەت. شۇڭا پرېزىدېنت ئوباما قول ئاستىدىكىلەرگە كۆرسىتىپ جۇڭگونى تاللىۋالدۇق ، دېدى.

...ئارمىيىنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشىنى جىددىيلەشتۈردى" دەپ كۆرسىتىلدى ماقالىدە.

"...ئامېرىكا بۇ قېتىمقى توقۇنۇشدىن پايدىلىنىپ، مىللىي كەيپىياتنى قوزغاپ، ئاخبارات ئورگانلىرى يۆلەپ تۇرغۇزغان دېموكراتچىلار...مىللىي بۆلگۈنچىلەردىن پايدىلىنىپ...2009-يىلى جۇڭگودا سىياسى داۋالغۇش يۈز بەرگەندە جۇڭگونى پارچىلاش ئۈچۈن سىياسى غەرەزلىرىنى ئىشقا سالغان بىر يىل بولدى...سىياسى جەھەتتىن قارىغاندا، جۇڭگودا ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ يامانلىشىشى، جۇڭگونى سىياسى داۋالغۇشقا ئېلىپ كىرىدىغان بولسا، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى يۆلەپ تۇرغۇزغان خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنى تىز سۈرئەتتە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، جۇڭگونى پارچىلاشنى يولغا قويۇپ...رەڭلىك ئىنقىلاب تەشكىللەپ...جۇڭگو يەنە بىر قېتىم بەلكى بۆلۈنمە ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى... "مۇمكىن.

ئەگەر جۇڭگو ئاپتورلىرى ئامېرىكا بۇ دۆلەتنى يۇقىرىقىدەك توغرا تەھلىل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو سىياسىتى يۇقىرىقىدەك بەلگىلىنىدىغانلا بولسا، پەقىر ئوبزورچى ھەممىدىن ئاۋۋال قوللىغان بولاتتى. جۇڭگولۇق ئاپتورلار بىرگە ئەسلەپ قويايلى! ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ قانچىلىك ئەسكىرى جۇڭگو تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىپ قۇربان بولدى. ئۇرۇش مەزگىلىدە نە گومىنداڭ ئارمىيىسى، نە كوممۇنىستلار ئارمىيىسى بولسۇن، ياپونىيە ئارمىيىسىگە تاقابىل تۇرغىدەك كۈچكە ئىگە بولغانمىدى؟ بۇنىمۇ قويۇپ تۇرايلى. ئۇرۇش دەۋرىدە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدە قانچىلىك كۈچى بار ئىدى. ھەممىنى ئامېرىكا بېجىرىپ بېرىپ، نە تارىخى، نە سىياسى، نە رىيال جەمئىيەت ئاساسى يوق جۇڭگونى بۈگۈنكىدەك"بىرلىك"كە كەلتۈرۈپ، ئەمدى قارايدىغان بولساق، بۈگۈن جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش غالجىرلىقىنىڭ نەزەرىيىسىنى كۆتۈرۈپ چىقالايدىغان بولدى. ئەسكى بولسىمۇ، ئەسكى بولۇپ كەتكەندىمۇ، ئىنسان بىلەن ئىنسان مۇناسىۋەت قىلغاندا، ھەتتا دۆلەت بىلەن دۆلەت مۇناسىۋەت قىلغاندىمۇ شۇ دۆلەتنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىش شۇ ئىنساننىڭ ئىنسانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.