شەرقىي شىمالدىكى يەنجى كوسوۋوغا ئوخشاپ قالامدۇ؟
2010.12.10
سوئال قويۇپ باقايلىكى، ئوچۇق دېڭىزدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان جەنۇبىي كورىيىنىڭ تيەنئەن ناملىق پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋېتىپ ئۆلۈم- يېتىم پاجىئەسى پەيدا قىلغان كىملەر ئىدى، قايسى دۆلەت ئىدى؟ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى جەنۇبىي كورىيىنىڭ تيەنفىڭ ئارىلىغا قىرغاقتىن زەمبىرەك ئېتىپ ئۆلۈم-يىتىم پاجىئەسى پەيدا قىلغان كىم ئىدى، قايسى دۆلەت ئىدى؟ شىمالىي كورىيە ئىدى ۋە بۇ مۇتتەھەم دۆلەتنىڭ كەينىدە قوماندانلىق قىلغان دۆلەت ئەلۋەتتە "يەر شارى ۋاقىت گېزىتى"نىڭ تەھرىرلىرىگە مەلۇمكى، شىمالىي كورىيىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ يول كۆرسەتكەن دۆلەت جۇڭگو ئىدى. ئۇنداقتا "يەر شارى ۋاقىت گېزىتى" نىڭ لوگىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىمالى كورىيە بىلەن جۇڭگو بىرلىشىپ كىمگە، قايسى دۆلەتكە ئۇرۇش ئېلان قىلغان بولىدۇ؟ كىم، قايسى دۆلەتلەر يېرىم ئارالدا ئۇرۇش ئۆتىنى ياققان بولىدۇ؟
تەھلىلچىلەر،- دەپ داۋاملاشتۇرىدۇ "يەر شارى ۋاقىت گېزىتى"، - كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش پارتلىغان ھامان سان-ساناقسىز مۇساپىرلار يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ مانجۇرىيىگە يەنى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا ئېقىپ كىرىدۇ. بۇ مۇساپىرلار شەرقىي شىمالدا ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى پەيدا قىلسا،جۇڭگو ھەربىي تەرەپ بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانسا، يۇگوسلاۋىيىدە يۈز بەرگەن كوسوۋو مۇساپىرلىرى ۋەقەسىدەك ۋەقە يۈز بېرىدۇ. ئاقىۋەتتە، غەرب دۇنياسىنىڭ جۇڭگونى "ئادەمگەرچىلىك ئاپىتى"، "ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاپىتى" بىلەن ئەيىبلىشىگە باھانە تېپىلىپ، نەتىجىدە ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە "بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئارمىيىسى" دىن پايدىلىنىپ، يەنجى، چاڭبەيشەن رايونلىرىغا يىتىپ كېلىپ، ئادەمگەرچىلىك سىياسىتى بويىچە ئارىلىشىپ، يەنجىدە كوسوۋوغا ئوخشاش بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن"دەپ كۆرسەتتى.
دۇنيادا كوسوۋوغا ئوخشايدىغان رايونلار خېلى بار. ئەمدى بۈگۈن خىتاينىڭ تىلى بىلەن شەرقىي شىمال، مانجۇرىيىدە كورىيىلىكلەر ياشايدىغان يەنجى بۇ قاتارغا قوشۇلدى.
"ۋاقىت گېزىتى" ماقالىنىڭ ئاخىرىدا: "ئامېرىكا كۆپ يىللار ھەپىلىشىپ، جۇڭگونى ئامبۇر شەكىللىك قورشاۋغا ئېلىشنى تاماملاپ بولدى ۋە قورشاش ھالقىسىنى تېخىمۇ قىسقارتتى. نۆۋەتتە ئامېرىكا، كورىيە، ئافغانىستان مەسىلىلىرىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونى غەرب ۋە شەرق تەرەپتىن قىستاپ ئىستراتېگىيىلىك زەربە بەرمەكتە"دەپ كۆرسەتتى.
جۇڭگولۇقلار ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىكەنغۇ؟ جاھىللىق قىلىشقا زۆرۈرىيەت قانچىلىك، جۇڭگونىڭ ئۆلۈپ كەتكەن دۆلەت باشلىقى جياڭ جېشى، جۇڭگوغا ئىككىنچى قېتىم باشلىق بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ماۋ زېدۈڭ ئەينى چاغدا ستالىننىڭ ئالدىدا قۇيرۇق شىپپاڭلىتىپ، ئوخشاشلا تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. نېمە سىر باردۇ، جۇڭگولۇقلار نېمىشقا ئامېرىكىلىقلار ئالدىدا ئەركىلەيدىغاندۇ، نېمىشقا مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا، تىبەتتە كورىيە يېرىم ئارىلىدا توختىماي ۋەقە پەيدا قىلىدىغاندۇ؟
2009-يىلى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا قانلىق قىرغىنچىلىق پەيدا قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ يىل كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش ھالىتى پەيدا قىلدى.