ئارزۇگۇل تۇرسۇن 16 ‏- نويابىر كەچتە يەنە بىر قېتىم خىتاي قولىدىن قاچقان

غۇلجا شەھىرىدىكى سۇ دەرۋازا دوختۇرخانىسىدا بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى كۈتۈپ ياتقان ئارزۇگۈل تۇرسۇن يەكشەنبە كۈنى كەچتە يەنە بىر قېتىم باتۇرلۇق كۆرسەتتى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008.11.17
Congress-Joe-Pitts-305.jpg ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭘﺎﻻﺗﺎ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ Joe Pitts ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﺎﺭﺯﯗﮔﯜﻝ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، Joe Pitts ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗﮔﯜﻝ ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻻ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﺸﻜﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.house.gov

ئارزۇگۈل تۇرسۇن شۇ كۈنى كەچتە يەنى ئوپېراتسىيىدىن بىر كېچە ئاۋۋال دوختۇرخانىدىن قاچتى. ئەمما بىر كۈندىن كېيىن يەنى دۈشەنبە چۈشتىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى يوشۇرۇنۇپ تۇرغان يېرىدىن تۇتۇپ كەلدى. بۇ قېتىم ئارزۇگۈل سۇ دەرۋازا دوختۇرخانىسىغا ئەمەس، ئىلى ئوبلاستلىق ئانا - بالىلار دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئارزۇگۇل تۇرسۇن بۇ قېتىمقى باتۇرلۇقى بىلەن ھامىلىسىنى دۈشەنبە كۈنىدىكى ئوپېراتسىيىدىن ساقلاپ قالدى. ئەمما ھامىلىنىڭ ھاياتى يەنىلا تەھدىت ئاستىدا.

ئارزۇگۇل تۇرسۇن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، دادىسى تۇرسۇنجان ھەسەنمۇ دوختۇرخانىغا چاقىرتىلغان ۋە ئوپىراتسىيە توختامنامىسىگە قول قويۇشقا قىستالغان. تۇرسۇنجان ھەسەن قول قويۇشنى رەت قىلغان.

ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ باشلىقى ئابدۇۋايىت ھاجى تۇرسۇنجان ھەسەنگە خىزمەت ئىشلىگەن ۋە توختامغا قول قويسىدۇ - قويمىسىدۇ بالىنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا قول قويۇشى كېرەكلىكىنى ئۆگەتكەن. تۇرسۇنجان ھەسەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان تالاش - تارتىش ۋە تەھدىتلەردىن كېيىن ماقۇلنامىغا قول قويغان.

ئىگىلىشىمىزچە، ئارزۇگۈلنىڭ ئېنىق قايسى چاغدا ئوپىراتسىيە قىلىنىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس، سېستىرالاردىن بىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەتە يەنى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن 8 دە؛ يەنە بىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن كېيىن يەنى ئەڭ بالدۇر بولغاندا چارشەنبە كۈنى ئوپىراتسىيە قىلىنماقچى.

خىتاي دوختۇرلىرى 6 ئايلىق ھامىلە ئۈچۈن پىچىقىنى بىلەپ تۇرغان مۇشۇ مىنۇتلاردا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھامىلىنى قۇتقۇزۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىبى ئالىم سېيتوف ئەپەندى بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا، ئارزۇگۇل تۇرسۇننىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى قېچىش ۋە قانداق تۇتۇلۇپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە ئىگىلىگەن مەلۇماتىمىز، ئارزۇگۈلنىڭ يولدىشى نۇرمەمەتنىڭ ئېيتقانلىرى، ۋە نازارەتچى خادىم بۇمەريەمنىڭ ئېيتقانلىرىنى سىلەرگە سۇنىمىز.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ئارزۇگۇل تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ھامىلىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئەتىكى پروگراممىمىزدا يەنە مەلۇمات بېرىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.