0:00 / 0:00
1990-يىلنىڭ ئاپرېل ئېيىدا پارتلىغان نۆۋەتتىكى كۆتۈرۈلۈش خەلقنىڭ مۇستەقىللىققا، ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىش، ئۈمىد ئۇچقۇنىنىڭ ھېلىمۇ ئۆچمىگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايىش قىلدى. بارىن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە كۆپلىگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈپ مەقسىتىنى، ۋەزىپىلىرىنى، ئاقىۋەتلىرىنى ھەم ئەھمىيىتىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەش لازىمدۇر.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بارىن ۋەقەسىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى ھەم تارىخىي ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى.