ئەر - ئايال ئىككەيلەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق ئوتتۇرا ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان يالغۇز ئوغلى نۇرۇل ئىسلامنى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتۇش ئۈچۈن، مەيلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋە باشقا تەرەپلەردىن بولسۇن كۆپ بەدەل تۆلىگەن، يەنى شېربازخان ئۆز ۋەتىنىنى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى تاشلاپ ئۈرۈمچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولغان.
نۇرۇل ئىسلام، 1992 - يىلى 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تۇغۇلغان. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 13 - ئاپرىل كۈنى نۇرۇل ئىسلامنى "قاتىللىققا ئۇرۇنۇش، قالايمىقانچىلىققا كۈشكۈرتكۈچىلىك قىلىش جىنايىتى سادىر قىلغان" دەپ، مۈددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى، بىراق ئۇنىڭ ئانىسى پاشائايىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرۇل ئىسلام بالىلىق دەۋرىدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر بىرەر كىشى بىلەن جىدەللىشىپ ماجرا سادىر قىلىپ باقمىغان، قۇلىقى يۇمشاق، يۇۋاش ۋە مەكتەپ بويىچە ئەلا ئوقۇغان ئوقۇغۇچى ئىكەن. ئوغلىغا بېرىلگەن جازانىڭ ئېغىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان پاشائايىم ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي سوت مەھكىمىسگە ئەرز سۇنۇش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
نۇرۇل ئىسلام قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كەتكەن شېربازخان ھازىر ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان، ئۇ دوختۇرخانىدا تۇرۇپ بىزنىڭ تېلېفۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ۋە ئوغلىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى" :مېنىڭ بالام خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىھۇدە جازاغا تارتىلدى، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، نېمە ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى ئىككى كۈندە بىر قېتىم ماڭا تېلېفۇن ئۇرۇپ، " ئەگەر سەن بالاڭنىڭ مەسىلىسىنى تاشقى دۇنياغا تارقىتىشقا ئۇرۇنساڭ، ئوغلۇڭ تېخىمۇ ئېغىر ئەھۋالغا قالىدۇ" دەپ تەھدىت قىلىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل ئەپتى - بەشىرىسىنى يوشۇرماقچى" دېدى.
شېربازخان خىتاي ئەدىلىيە دائىرىلىرىنىڭ، نۇرۇل ئىسلامنى سادىر قىلغان جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى دەپ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئورنىغا مۈددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، "5 - ئىيۇل كۈنى، بالام ئۆيدىن تولۇق ئوتتۇرا 3 - يىللىق سىنىپىغا قوبۇل قىلىش ئېمتىھانىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى، ئۇ ئېمتىھاننى ئاياقلاشتۇرۇپ قايتىپ كېلىش يولىدا، كوچىدا نامايىش يۈز بېرىۋاتقان پەيت بولۇپ، نېمە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىگە قىزىققان ئوغلۇم كوچىدا سىن ئالغۇ لېنتىسىغا چۈشۈپ قالغان، ئەھۋال مۇشۇ. مەن ئۆنىڭدىن سەن نامايىشقا قاتناشتىڭمۇ دەپ سورىغىنىمدا ئۇ ماڭا: 'ياق دادا، مەن بەك قورقۇپ كەتتىم ۋە دەرھال ئۆيگە قايتىپ كەلدىم' دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. مېنىڭچە ئوغلۇم قاتتىق قېيىن - قىستاق ۋە ئېغىر قىيناشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزى ئۈستىدىن چىقىرىلغان ساختا جىنايەت خاتىرىسىگە قول قويدى" دەيدۇ.
شېربازخان يەنە مۇنداق دەيدۇ: "گۇناھسىز ئوغلۇمنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنياغا ئىلتىجا قىلىمەن، خىتاي تۈرمىسىدە يالغۇز بىر مېنىڭ ئوغلۇملا ئەمەس، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان گۇناھسىز ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى سولاندى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل رەزىل قىلمىشلىرىنى توختىتىشى كېرەك، مېنىڭ پۇلۇم يوق، بىچارە يوقسىۇلمەن، ئەمما ئىشىنىمەنكى، ئادالەت ئالدىدا ئوغلۇم ئاقلىنىدۇ. ئۇ تېخى ياش ئۆسمۈر، ئۇنىڭ ياشلىقى ۋە ھاياتىنىڭ خىتاينىڭ قارا زىندان تۈرمىسىدە نابۇت بولۇشىغا ئادالەتپەرۋەر ئىنسانىيەت دۇنياسى ھەرگىز يول قويمايدۇ."
ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئوغلىنى قۇتۇلدۇرۇشقا بەل باغلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شېربازخان، "مەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيادىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئوغلۇمنىڭ بېشىغا كەلگەن تراگىدىيىنى ئاڭلىتىمەن. خىتاينىڭ بېسىمىدىن ھەرگىزمۇ قورقمايمەن، ئەگەر ئۇلار ئايالىمدىن ئۆچ ئېلىشقا ئۇرۇنسا، ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدىكى رەزىل بىر ھاكىميەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ،" دېدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.