خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامىزان ئېيىدا مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش تەشۋىقاتى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيە ۋە يېزا، كەنتلىرىگىچە رامىزان مەزگىلىدە يولغا قويۇلغان تۈزۈم - بەلگىلىمىلەر قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنماقتا.
رادىئومىز ئۆتكەن ھەپتە ئاقسۇ ۋىلايىتى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كۇچا ناھىيىسىدە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى روزا تۇتماسلىققا مەجبۇرلاپ، ھەتتا ئۇلارنى تاماقلاندۇرۇش ئارقىلىق روزى تۇتقان - تۇتمىغانلىقىنى سىنىغانلىقى، رامىزان ئېيىدا مىللي ئالاھىدىلىكى قويۇق تۈس ئالغان كىيىم - كېچەكلەرنى كىيگۈچىلەر ۋە ساقال - بۇرۇت قويغانلارنى جازالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن ئىدۇق.
بۈگۈن، ئاتۇش شەھەرلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىنى قولغا چۈشۈردۇق.
ئۇقتۇرۇشتا، مۇنداق ئىككى خىل تۈزۈم بېكىتىلگەن:
1. رامىزان ئېيى مەزگىلىدە نۆۋەتچىلىك ۋە چارلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش. ئىدارە خىزمەتچىلىرىنى رەھبەرلىكنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ھەر كۈنى 24 سائەت تولۇق ھالدا نۆۋەتچىلىك قىلىشقا بەلگىلەش، مەسىلە بايقالغان ھامان دەرھال، بىخ ھالىتىدە بىر تەرەپ قىلىش.
2. ئىدارە خىزمەتچىلىرىگە قارىتىلغان باشقۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ روزا تۇتۇشىنى قاتتىق چەكلەش، ئۇلارنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىپ ناماز ئوقۇپ، ئىبادەت قىلىشىنى چەكلەش، ئالدىن ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەگەر تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار بايقالسا، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، ئومۇمەن رامىزان ئېيى داۋامىدا مۇقىملىقنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنى تەلتۆكۈس ۋە تولۇق ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش.
ئاتۇش شەھەرلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى يولغا قويغان تۈزۈملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، بىز ئۇقتۇرۇشتا تەكىتلەنگەن مەزمۇنلارغا ئاساسەن، ئاتۇش شەھەرلىك خەلىق ئىشلار ئىدارىسى، ئاتۇش شەھەرلىك بىرلىكسەپ بۆلۈمى، بەخت يولى ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارغا تېلېفۇن ئۇردۇق. بۇ ئورۇنلاردىن تېلېفونىمىزغا جاۋاب بېرىدىغان ئادەم چىقمىدى.
ئاتۇش شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى ساقچى بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفۇن ئۇرغانلىقىمىزدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، خۇددى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىدىغاندەك كەيپىيات بىلەن بىزگە "ياخشىمۇسىز" دەپ جاۋاب قايتۇردى، بىراق سوئالىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.
بىز يەنە ئاتۇش شەھىرىدىكى رېستوران، ئاشخانىلارغا تېلېفۇن ئۇرۇپ رامىزان ئېيىدا مۇلازىمەت قىلىش ئەھۋاللىرىنى بىلمەكچى بولدۇق. "ئەنجۈر" ۋە "مېھرىبان" رېستورانلىرىغا تېلېفۇن ئۇرغان بولساقمۇ تېلېفونىمىزغا ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى.
كۆپلىگەن رېستوران ۋە ئاشخانىلارغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، ئاتۇشتىكى مەلۇم بىر تېز تاماقخانىسىنىڭ ئىگىسىنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق.
تاماقخانا ئىگىسى ئۆز بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىزگە رامىزان ئېيى بەلگىلىمىسى بويىچە تاماقخانىنى مەجبۇرىي ئاچقانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى ۋە توختام ئارقىلىق نورمال مۇلازىمەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ھېچقانداق مەجبۇرلاشقا ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىزمىتى يوق بىر كىشىنى زىيارەت قىلدۇق، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ روزا تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىدىكى دىنىي زات غەيرەت ھاجىم، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلمىساقتىن تارتىپ دىنىي پائالىيەتلەرنى پۈتۈن شەرت - ئەقىدىلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بېسىم قانچە كۈچلۈك بولسا، قارشىلىق بىلدۈرۈشنىڭمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.