دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2-نۆۋەتلىك يىغىنى ئەنقەرەدە باشلاندى

دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2-نۆۋەتلىك يىغىنى ئەنقەرەدە رەسمىي باشلاندى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.08.28
exmet-dawutoghlu-ekmelettin-ihsanoghlu-305.jpg تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ(ئوڭدا) ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش سېكرېتارى ئەكمەلەتتىن ئېھسانئوغلۇ(سولدا) دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2-نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلدى. 2012-يىلى ئاۋغۇست، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان بىتەرەپ ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ مەزكۇر يىغىنىغا تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش سېكرېتارى ئەكمەلەتتىن ئېھسانئوغلى قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئەكمەلەتتىن ئېھسانئوغلى ئېچىلىش نۇتقىدا ئالدى بىلەن بۇ يىغىنغا ساھىبخانىلىق قىلغان تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلىغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، مەزكۇر يىغىننىڭ تۈركىيىدە چاقىرىلىشىنىڭ تۈركىيىنىڭ ئىنسان ھەق-ھوقۇقىغا قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، سۆزىدە يەنە، تۈركىيىنىڭ دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش جەھەتتىن ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2-نۆۋەتلىك يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى ئاۋغۇست، ئەنقەرە.
دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2-نۆۋەتلىك يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى ئاۋغۇست، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

ئەكمەلەتتىن ئېھسانئوغلى سۆزىدە يەنە تۈركىيىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا ئويناۋاتقان رولىنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەكمەلەتتىن ئېھسانئوغلى ئېچىلىش نۇتقىدا بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ يىغىندا سۈرىيە، ميامما، پەلەستىن ۋە مالىدا يۈز بېرىۋاتقا ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىكى ۋەھىمىلىك ۋەزىيەت ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز. بۇ مۇزاكىرىگە ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن باشقا بەزى مۇتەخەسسىسلەرمۇ تەكلىپ بويىچە قاتنىشىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا يىغىننىڭ ئەھمىيىتى تولىمۇ زور.»

دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۇنيادىكى پۈتۈن ئىسلام دۆلەتلىرى ئەزالىقىدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، تۇنجى قېتىم ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا بىتەرەپ ئىنسان ھەقلىرى دائىمىي كومىتېتىنى قۇرغان ئىدى. دائىمىي كومىتېتنىڭ 10 ئەزاسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت نەپىرى ئايال ئىكەن. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش سېكرېتارى ئەكمەلەتتىن ئېھسان ئوغلىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ كومىتېت پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق دوكلات تەييارلاپ مۇناسىۋەتلىك ئەللەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار دۇچار بولۇۋاتقان دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش سىياسەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تىرىشىدىكەن. بۇ دائىمىي كومىتېت دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن 9-ئايدا نيۇيوركتا چاقىرىلىدىغان يىللىق يىغىن بىلەن 11-ئايدا جىبۇتىدا چاقىرىلىدىغان دۇنيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشماقچىكەن.

ئۇنداقتا، بۇ تەشكىلات ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىلىرىگە قانداق قارايدۇ؟ شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى دائىمىي كومىتېتى بىلەن ئالاقىسى بارمۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.