توقسۇندا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە ھەققىدىكى ئىنكاس

بۈگۈن 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىن بىر كىشى تېلېفون قىلىپ، توقسۇن ناھىيىسىنىڭ بوستان يېزىسىدا باخائىدىن قارى ئىسىملىك بىر كىشى بىلەن ئايالىنىڭ 100 كۈنلۈك تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ شامىلى بىلەن خىتاي خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن 4 - ئاينىڭ بېشىدا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، ساقچىلارنىڭ 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى باخائىدىن قارىنىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.

0:00 / 0:00

بۇ كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار باخائىدىن قارىنىڭ ئائىلىسىگە ئۇنىڭ ساقچى ئىدارىسىدا يۈرەك كېسىلى تۇتۇپ قېلىپ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ساقچى ئىدارىسىدا تەن جازاسى بىلەن ئولتۈرۈلگەنلىكىنى، چۈنكى ئىمام ۋە مېيىت يۇغۇچىلار مېيىتنى يۇغان ۋاقتىدا مېيىتنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ كۆكىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىشقان.

رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن كىشى، باخائىدىن قارىنىڭ جىنازا نامىزىغا باشقا يېزىلاردىن كەلگەن كۆپلىگەن ئادەمنىڭ قاتناشقانلىقىنى، ئۇلار مېيىتنى 7-8 كېلومېتىرلىق زاراتكاھلىققا پىيادە ئۇزۇتۇپ چىققانلىقىنى، شۇنداقلا، خىتاي خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ باخائىدىن قارىنىڭ ئايالىنى ئېرىنىڭ جىنازا نامىزىغا قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلماستىن، ئۇنى تۇرمىدا تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن بۇ ئىنكاس قىلغۇچى كىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.