تۇرسۇن غوپۇرنىڭ كۆزىنى ئېلىۋېتىش ۋەقەسى ھەربىي مەخپىيەتلىك دەپ قارالغان

بىز ئۆتكەن ھەپتە ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇرنىڭ قەشقەردىكى بىر ھەربىي مەشق مەيدانىدا پارتلاش قازاسىغا يولۇققانلىقى ۋە قۇتقۇزۇلۇش جەريانىدا بىر ساق كۆزىنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار ئاڭلاتقانىدۇق. بۈگۈن تۇرسۇن غوپۇرنىڭ ئەرز جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، تۇرسۇن غوپۇر ھازىرغا قەدەر ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا 21 قېتىم بارغان. ئۇنىڭ ئەرزى 17 يىلدىن بېرى مەركەز بىلەن يەرلىك ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە ئىتتىرىلىپ ھەل بولماي كەلگەن. ئەرزنىڭ رەت قىلىنىش سەۋەبلىرىدىن بىرى، مەزكۇر ۋەقەنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن ھەربىي مەخپىيەتلىك دەپ قارىلىشى بولغان.

ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇر ۋە ئائىلىسى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن بىر ھەربىي مانېۋىرنىڭ ھەم دوختۇرغانىدىكى سىرلىق بىر قۇتقۇزۇش ئوپېراتسىيىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان. بۇ ئائىلىدىن بىر كىشى ۋەقەدە نەق مەيداندا جان ئۆزگەن، بىر كىشى ئەرز ئۈستىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئىككى كىشى مېيىپ بولغان.

بۇ ئائىلە دۇچ كەلگەن ئۇۋالچىلىق، ھازىرغىچە ھۆكۈمەتنىڭ ھېچقانداق بىر تۆلەم ياكى ھېسداشلىقىغا ئېرىشەلمىگەن. ئەكسىچە، ۋەقەنىڭ پاكىتلىرى ھەربىي مەخپىيەتلىك دەپ قارىلىپ، ئەرز رەت قىلىنىپ كەلگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.