دوختۇر نازىم قەمبىرى يازغان `ئۇيغۇر تائاملىرى` ناملىق ئەسەر نەشردىن چىقتى(2)
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.01.07
2009.01.07

RFA Photo / Erkin Tarim
دوختۇر نازىم قەمبىرى كىتابىدا، دوختۇر سۈپىتىدە كىتابخانلارنى ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئاساسلىق غىزالىرى بىلەن تونۇشتۇرۇپ، بەزى غىزالارنى تەييارلاش ئۇسۇللىرىنى، توغرا غىزالىنىشنىڭ پايدا زىيانلىرى ۋە ئاشپەزلىككە ئائىت ئاتالغۇلار ھەم ئوزۇقلىنىش قائىدىلىرى ھەققىدە يېتەرلىك ئاممىباب ساۋاتلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە، دوختۇر نازىم قەمبىرى ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تارىخى، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئورنى، ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە كۆكتات دورا-دەرمانلارنىڭ ئىسىملىرى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى؟
دوختۇر نازىم قەمبىرى سوئاللىرىمىزغا بەرگەن جاۋابىدا، تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرى ھەققىدە دېگەنلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن باشقا، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئۆرنىكى، مۇقامى تۈركىي تىللار دىۋانى "قۇتاتقۇ بىلىك" كە ئوخشاشلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنىمۇ ئېيتتى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ تېلېفون زىيارىتىنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.