نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار سەنئەت كونسېرتى ئۆتكۈزدى

16-ئىيۇن كۈنى نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر سەنئەت گۇرۇپپىسى پايتەخت ئوسلونىڭ كولبوتىن كوممۇنا ئوپپېگورد مەدەنىيەت مەكتىپىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

بۇ قېتىمقى كونسېرتقا نورۋىگ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرىدىن جەمئىي يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشتى.

كونسېرت باشلىنىشتىن بۇرۇن سەنئەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرىدىن بىرى بولغان كىچىك قىز مېھرىبانۇ تاماشىبىنلارغا نورۋىگ تىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى سىياسىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

كونسېرتتا شوخ ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكا، ئۇسۇل ئورۇندالغاندىن باشقا پىئانىنو بىلەن ئورۇندالغان تەقدىر مۇزىكىسى ھەمدە غېجەك ۋە پىئانىنو بىلەن بىلەن چېلىنغان دوناي دەرياسى ناملىق مۇزىكا تاماشىبىنلارنى ھاياجانغا كەلتۈردى.

ئوپپېگورد مەدەنىيەت مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى نىنا كنارۋىك خانىم شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئىسىمنى ئىنتايىن چىرايلىق تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى بۇ مەكتەپتە تىل پراكتىكىسى قىلىپ ئىشلەۋاتقان دىلشات ئەپەندى ئارقىلىق تونۇغانلىقىنى، بۈگۈن ئورۇندالغان ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىيچە سەنئەت كىيىملىرىنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى. ئۇ مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ قانداق مەدەنىيەت پەرقىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىڭىز دېگەن سوئالىغا، ئەلۋەتتە بىر مىللەت ئۆز مۇستەقىللىقىنى يوقاتقاندا باشقا مىللەتنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىپ قالىدۇ. بۇ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئەھۋال، لېكىن مەن سىلەرنىڭ ناخشا-ئۇسۇل مەدەنىيىتىڭلار ئارقىلىق سىلەرنىڭ خىتايغا تامامەن ئوخشىمايدىغان ئېسىل بىر مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىڭلارنى چۈشەندىم دەپ جاۋاب بەردى.

ناخشا-مۇزىكا ئارقىلىق ئۇيغۇرنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتىنى باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلغان ئۇيغۇر سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىسى مۆمىنجان ئەپەندى، بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشقا ئالاھىدە كۈچ قوشقان دىلشات ۋە چەتئەل مۇزىكىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن ئورۇنلاپ ئاڭلىتىشنى ئۇيغۇر سەنئىتىنى چەتئەللىكلەرگە تونۇشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى دەپ قارىغان ياشار ئەپەندى قاتارلىقلار بۇ قېتىمقى ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى.

چۈش سائەت 12 دىن تاكى بىردىن ئاشقۇچە داۋام قىلغان بۇ ئۇيغۇرچە سەنئەت كونسېرتى ئارتىسلارنىڭ شوخ چاتما ناخشىلىرى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ئۇسۇللىرى بىلەن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.