گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى ھەرخىل تەلىم-تەربىيە كۇرسلىرىنى قانات يايدۇرماقتا

گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ تىل ۋە دىنىي تەلىم-تەربىيە كۇرسىنى يولغا قويۇشى، ميۇنخېندىكى خانىم-قىزلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

0:00 / 0:00

4-ئاينىڭ 10-كۈنى گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى د ئۇ ق زالىدا دىنىي تەلىم‏-تەربىيە كۇرسىنى رەسمىي باشلىدى. كۇرسقا ميۇنخېن شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئاياللار ئىشتىراك قىلدى. د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى دەسلەپكى دەرستە ئىسلام ئەقىدىلىرىدىن ئاساسى بىلىملەرنى سۆزلەپ، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا دىنىي ئەقىدە تەربىيىسى ئېلىپ باردى.

گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى ئالدىنقى ئايدىن باشلاپ يەنە گېرمان تىلى كۇرسىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ كۇرسقىمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى قاتناشقان.

گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۈلنار خانىم بۇ توغرىسىدا توختىلىپ، ئاياللار كومىتېتى يولغا قويۇۋاتقان بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بۇ قېتىم يېڭىدىن يولغا قويۇلغان دىنىي تەلىم-تەربىيە كۇرسى ھەققىدە توختالغان گۈلنار خانىم، بالىلارنى تەربىيىلەشتەك ئۇلۇغ بىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان خانىم-قىزلارنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى تەربىيىلىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن يۇرتىدا تۇرۇش ئىمكانى بولماي، يېقىندا ئۆز ۋەتىنىدىن قېچىپ چىقىپ گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن گۈلنىھال خانىم ئۆزىنىڭ بۇ كۇرسقا قاتناشقانلىقىدىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ خىتاي بېسىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ۋەتىنى بىلەن ئەركىن، دېموكراتىك گېرمانىيىنى سېلىشتۇرۇپ، ۋەتەندە دىنىي تەلىم-تەربىيە ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ناماز ئوقۇشنىڭمۇ قېيىنلىقىنى، بۇ يەردە بولسا ئىنسانلار ئۆز ئەقىدە-ئېتىقادىغا خالىغانچە ساداقەت كۆرسىتىپ ياشىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

گېرمانىيە ئاياللار كومىتېتى 2010-يىلى 3-ئايدا قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلات ئۆز پرىنسىپىدا گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىگە ئۆز ئانا تىلىنى، دىنىنى، مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى، ئۇيغۇر سەنئىتىنى ئۆگىتىشنى ئاساسى ۋەزىپە قىلغاندىن تاشقىرى، گېرمانىيە قانۇنىدىن ۋە خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنىمۇ مۇھىم بىر ۋەزىپە قىلغان. ۋەتەندە ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبلىك داۋالىنالمايۋاتقان ئاياللار ھەم بالىلارغا ياردەم قىلىشنى بىر مەجبۇرىيەت قىلغان. بۇ جەھەتتە ئىلگىرىكى ئايلاردا ميۇنخېن ئاياللىرىدىن ئىئانە توپلاپ، ۋەتەنگە يوللاپ بەرگەن.

گۈلنار خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇندىن كېيىنكى ئايلاردا يەنە، ھەرخىل ئېھتىياجلىق كۇرسلارنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئازايتىشقا يار-يۆلەكتە بولىدىكەن.