چېمپىيون ئۈمىد ھاجىنىڭ ئۇتۇقى ۋە ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرى

خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن 2010 ‏- يىللىق ئىنگلىز تىلى ۋە تالانت مۇسابىقىسىدە، ئۇيغۇر ياش ئۈمىد ھاجىنىڭ چېمپىيون بولۇشى ئۇيغۇر تورداشلار ئارىسىدا كۈچلۈك ھاياجان پەيدا قىلدى. گەرچە مۇسابىقە ئاخىرلاشقىنىغا خېلى بولغان بولسىمۇ، مەزكۇر مۇسابىقىگە قارىتا ئىنكاسلار ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.

0:00 / 0:00

ياش تالانت ئىگىسى ئۈمىد ھاجى مەزكۇر مۇسابىقىدىكى تۇنجى نۇتقىدا، ئۇيغۇر مۇزىكا ئەسۋاپلىرىدىن راۋابنى تونۇشتۇرغان. شۇنداقلا ئۇ، مەيدانغا بادام دوپپا ۋە كانىۋاي كۆينەك بىلەن چىقىپ ئۆزىنىڭ مىللىي ئىپتىخار تۇيغۇسىنى نامايەن قىلغان.

بۇ ھەقتە تورداشلاردىن بىرى مۇنداق دەيدۇ: "مىللىي كىملىكنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئۈمىدنىڭ مۇسابىقە جەريانىدىكى بىر خاسلىقى، ياشا ئۈمىد ھاجى خەلقىڭ سېنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ، خەلقىڭ ساڭا مەدەت بېرىدۇ!"

يەنە بىر ئىنكاستا، ئۈمىد ھاجىنىڭ سەھنىدە نامايەن قىلغان پىسخىك تەڭپۇڭلۇقى ۋە ھازىر جاۋابلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇلۇپ مۇنداق دېيىلگەن: "ئۈمىدنى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرگەن يالغۇز ئىنگلىزچە تەلەپپۇزىدىكى توغرىلىق ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭدىكى روھىي ساپادۇر. ياشا ئۈمىد كىم ئىكەنلىكىمىزنى بىر قېتىم تونۇتۇپ قويدۇڭ."

ئۈمىد ھاجى ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدىكى نۇتقىدا ئۈرۈمچىدە دوختۇرخانىدا ياتقان بىر دوستىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ ھەم ئۇ دوستىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن قولىدىكى راۋابىنى ساتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇ بۇ نۇقتىدا 500 يۈەن پۇلنىڭ تاماشىبىنلار ئۈچۈن ھېچقانچە ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولسا بۇنىڭ ئالاھىدە مىقداردا جىق پۇل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

ئۈمىد ھاجىنىڭ قىسقىغىنا پۇرسەتتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدىن بىشارەت بېرىپ ئۆتۈشى ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. مەلۇم بىر تور بەتتە، ئۈمىد ھاجىنىڭ ئۇتۇقىنى تەبرىكلەپ 50 دىن ئارتۇق ئىنكاس يېزىلغان.

ئىنكاسلاردىن بىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۈمىد ھاجى شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپۇتېر كەسپىنى پۈتتۈرگەن. نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى بىر خۇسۇسىي مەكتەپتە ئىنگلىز تىلىدىن دەرس بەرمەكتە.

يەنە مەلۇم بولۇشىچە، ئۈمىد ھاجى ئىنگلىز تىلىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى رىقابەتچىسى گو ۋىننا بولسا، بېيجىڭدىكى چەتئەل تىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. يەنى ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە چەكلىك ئىمكانلاردا ئۆز - ئۆزىنى يېتىلدۈرگەن بىر ئۇيغۇر ياش بىلەن، يېتەرلىك شارائىتلاردا دۆلەت تەرىپىدىن تەربىيىلىنىۋاتقان بىر خىتاي ياش ئارىسىدىكى مۇسابىقە. مۇسابىقىنىڭ غالىبى ئۇيغۇر ياش يەنى ئۈمىد ھاجى. مانا بۇ سېلىشتۇرما ئۇيغۇر تورداشلارنى ئەڭ كۆپ دەرىجىدە ھاياجانلاندۇرغان.

مانا بۇ نۇقتىدا پىكىر بايان قىلغان بەزى ئىنكاسچىلار، ئەگەر ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ، باشقىلار ئىگە بولغان كەڭرى ئىمكانلارغا ئىگە بولسا، ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىش ۋە خىزمەت تېپىش قاتارلىق جەھەتلەردە پۇتلىكاشاڭغا يولۇقمىسا، يەنە كۆپلىگەن تالانت ئىگىلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

چېمپىيون ئۈمىد ھاجىدىكى ئۈز يېشىدىن ھالقىغان بىر تەمكىنلىك ۋە سالاپەت، مۇسابىقە باھالىغۇچىلىرىنىمۇ تەسىرلەندۈرگەن. باھالىغۇچىلاردىن بىرى، ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم قارارلىرىدىن بىرىنى بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، چېمپىيونلۇققا ئۈمىد ھاجىنى كۆرسەتكەن. نەتىجىدە ئۈمىد ھاجى بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.

ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ قايتا ئېچىلغىنىغا بىر قانچە ئاي بولغان بولسىمۇ، تور بەتلەردە جىم - جىتلىق يەنىلا ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى؛ بولۇپمۇ 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئالدىدا كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان قايناق بەس ‏- مۇنازىرىلەر ئاساسەن تارىخقا ئايلىنىپ كەتكەندەك بىر ۋەزىيەت كۆزگە چېلىقماقتا ئىدى.

بۇ نۆۋەت ئۈمىد ھاجىنىڭ چېمپىيون بولۇشى، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى بۇ جىمجىتلىقنى تۇنجى قېتىم بۇزۇپ تاشلىدى. ئۇيغۇر تورداشلار، چېمپىيونلۇق ئۇتۇقىغا بەس - بەستە ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەت ۋە ۋەزىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىزچىل ھالدا بايان قىلماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، چېمپىيون ئۈمىد ھاجىنىڭ مۇسابىقىدىكى ئۇتۇقى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە يېزىلغان ئىنكاسلار ھەققىدىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.