ئۇيغۇر مەدەنىيەت - سەنئىتى خەلقئارا فېستىۋالدا كۆرسىتىلمەكتە

ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسقۇت رايونىدا 7 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلمەكتە. 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ فېستىۋالغا تۈركىيىدىن 23 جەمئىيەت ۋە ۋەخىپ ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.09.20
Uyghur-medeniyet--seniti-xelqara-estiwalda-Uyghur-bolumi-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 17 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 26 - ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﯩﻤﻪﺳﻘﯘﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ 7 - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺋﺎﻧﺎﺗﻮﻟﯩﻴﻪ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻓﯧﺴﺘﯩﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﻪ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim

17 - چېسلا داڭلىق ناخشىچى داۋۇت گۈلوغلىنىڭ كونسېرتى بىلەن باشلانغان فېستىۋال 26 - چېسلا داڭلىق ناخشىچى سىبەلجاننىڭ كونسېرتى بىلەن ئاخىرلاشماقچى. فېستىۋالدا تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرى، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر مەخسۇس بۆلۈم ئېچىپ، ئۆز مەدەنىيىتىنى ۋە سەنئىتىنى تونۇتماقتا.

بۇلاردىن باشقا يەنە ھەر كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىككى ۋىلايىتى بىلەن بىر تۈركىي جۇمھۇرىيەت ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتمەكتە. ئۇيغۇرلار 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇللىرىنىڭ ئۆرنەكلىرىنى كۆرسەتمەكچى.
  
Uyghur-medeniyet--seniti-xelqara-estiwalda-rayon-bashlighi-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﺋﻪﺗﯩﻤﻪﺳﮕﯘﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﺩﻩﻣﯩﺮﯦﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﻩ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Erkin Tarim
 
ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسقۇت رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 7 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىدىكى بۆلۈملەر ئىچىدە ئۇيغۇر بۆلۈمى ئەڭ باي مەزمۇنغا ئىگە بولۇپ، بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتى، مەدەنىيىتى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى تونۇتۇلماقتا. بۇ بۆلۈملەرنى ھەر كۈنى 7 - 8 مىڭ كىشىنىڭ زىيارەت قىلىۋاتقانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، نەق مەيداندىن بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.