ياپونىيىدە 'باتۇرلارنىڭ كۆز يېشى - ئويغان ئۇيغۇر' ناملىق رومان نەشىر قىلىندى

2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ياپونىيىنىڭ مادوكا نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان "باتۇرلارنىڭ كۆز يېشى - ئويغان ئۇيغۇر" ناملىق رومان ئۇيغۇر ھەلقىنىڭ ئاتاغلىق شائىرى، يازغۇچىسى ئابدۇرېيىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ 1985 - يىلى نەشىر قىلىنغان "ئىز" ناملىق تارىخىي رومانى بىلەن "ئويغانغان زىمىن" ناملىق رومانلىرىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.08.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Yaponda-qehrimanlarning-koz-yeshi-namliq-kitab-305.jpg ﻳﺎﭘﻮﻧﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﺗﯩﺨﻪﯨﺴﯩﺲ ﺋﺎﻳﺎﻛﻮ ﺋﺎﺯﯗﻣﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ، 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5 - ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺩﻭﻛﺎ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ "ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﻰ - ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺭﻭﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻫﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﻴﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ 1985 - ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ "ﺋﯩﺰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ "ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﺯﯨﻤﯩﻦ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺭﻭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ - ﻛﻪﻳﻨﻰ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ياپونلۇق تەرجىمان ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتىخەىسىس ئاياكو ئازۇما بۇ ئىككى تارىخىي رومانى بىرلەشتۈرۈپ 28 باپ قىلىپ تەرجىمە قىلغان. رومان 397 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ روماننىڭ ئىچكىي قىسىملىرغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقىى تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن فوتو سۇرەتلەر كىرگۈزۈلگەن.

روماننىڭ بىرىنچى بېتىگە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىلىك خەرىتىسى قويۇلغان بولۇپ كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا خىتايدا چەكلەنگەن كىتاب دېگەن جۈملە يوغان قىلىپ يېزىلغان.

بۇ كىتاب ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتىتى مۇتىخەىسىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىڭ ياپونىيىدىكى ۋەكىلى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.