' كۆزلىرىمدە مۈگدەيدۇ قۇياش' ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئىستانبۇلدا نەشردىن چىقتى

ياش شائىر تۇيغۇن ئابدۇۋەلىنىڭ "كۆزلىرىمدە مۈگدەيدۇ قۇياش" ناملىق شېئىرلار توپلىمى 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىستانبۇلدا نەشردىن چىقتى. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان 134 بەتلىك كىتابغا شائىر تۇيغۇن ئابدۇۋەلىنىڭ ۋەتىنىدە ۋە چەتئەلدە يازغان 63 پارچە شېئىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.10.08
Korlirimde-ogudeydu-quyash-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﻧﻪﺷﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ، ﻳﺎﺵ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺗﯘﻳﻐﯘﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﻩﻟﯩﻨﯩﯔ "ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﺪﻩ ﻣﯜﮔﺪﻩﻳﺪﯗ ﻗﯘﻳﺎﺵ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

تۇيغۇن ئابدۇۋەلى 1974 - يىلى 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيىسى يۇرچى يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1987 - يىلى 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئاقسۇ گېزىتىدە "ئۇستازىم" ناملىق شېئىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ كەتكەن تۇيغۇن ئابدۇۋەلى، تا 1992 - يىلى تۈرمىگە قامالغىچە بولغان ئارىلىقتا 300 پارچە شېئىرى، 50 پارچىغا يېقىن ھېكايە ۋە ئوبزورى ئېلان قىلىنغان.

بۇ ئەسەرلىرى خەلق ئارىسىدا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر قوزغىغان. 1992 - يىلىدىن 1996 - يىلىغىچە ئۈرۈمچى بىرىنچى تۈرمىدە قامالغان تۇيغۇن ئابدۇۋەلىنىڭ ئۇ يىللاردا ئىجادىيىتى تامامەن توختاپ قالغان ئىدى.

1998 - يىلىدىن باشلاپ قايتىدىن قولىغا قەلەم ئېلىپ يېزىشقا باشلىغان ياش شائىر تۇيغۇن ئابدۇۋەلى، 2003 - يىلى ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، پاكىستان تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ، 2004 - يىلى 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇ ھازىر ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى كانادادا داۋام قىلدۇرماقتا.

شائىرنىڭ ئىجادىيىتى ۋە شېئىرلار توپلىمى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شائىر تۇيغۇن ئابدۇۋەلى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.