خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەسلىلەرگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش شەرتلىرى تەنقىدكە ئۇچرىماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ "قوش تىل" يەسلىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تاللاشتا، ئۇلارنىڭ سىياسىي ئىدىيە ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جەھەتتە "مەيدانى مۇستەھكەم بولۇش"نى ئالدىنقى شەرت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەندىن سىرت، 19 مىڭ كىشىدىن 2850 مىڭنى ئوقوتقۇچىلىققا تاللايدىغانلىقىنى، يەنە ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىدىغانلار ئىچىدە ئىلگىرى خىتاي ئارمىيىسىگە قاتناشقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.08.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتى، "قوش تىل" ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قوشۇنىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يېقىندا پۈتۈن ئۇيغۇر ئىلى بويىچە 2 ‏- تۈركۈمدە يېزىلاردىكى "قوش تىل" يەسلىلىرىگە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇننىڭ سۆزلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەركىنجان تۇراخۇن، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى سىياسىي ئىدىيە ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى جەھەتتە تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەركىنجان تۇراخۇن، "ئوقۇتقۇچىلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن نەمۇنىچىلار ۋە سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈگۈچىلەردىن قىلىپ تەربىيىلەش كېرەك" دېگەنگە ئوخشاش پىكىرلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، " بالىلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كۈچەيتىپ، مول مەزمۇنلۇق، چۈشىنىشلىك، جانلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، بالىلاردا كوللىكتىپنى سۆيۈش، يۇرتىنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش تۇيغۇسى ۋە پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك" دەپ ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خەۋەردە يەنە، "قوش تىل" يەسلىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىشتا، ئەسكەرلىكتىن قايتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بۇ قېتىم ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تاللاشتا ئوخشاشلا ئېمتىھان ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 15 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلىرىدە يازما ئېمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان 19 مىڭدىن ئارتۇق كىشىدىن ئاران 2850 كىشىنى ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ئۇيغۇر ئىلىدا "قوش تىل" مائارىپىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، مەيلى يەسلىلەرگە بولسۇن ۋە ياكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بولسۇن، ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشتا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىتايچە تىل سەۋىيىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ بەلگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "قوش تىل" مائارىپىنى يولغا قويۇش قالپىقى ئاستىدا مول بىلىمگە ئىگە پېشقەدەم ئۇستازلارنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىش سىياسىتىنى ئىشقا سېلىپ كەلگەنلىكىنى، ھەتتا مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىغا خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى سەپلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق سانىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

رادىئومىزغا بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈرگۈچىلەرمۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان "ئۈچ تاش" رايونىغا جايلاشقان "قىزىل بايراق يەسلىسى"دە ئىلگىرى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە يەسلىدە خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىدىن بىرىمۇ قالمىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك بۇ يەسلىدە ئۇيغۇر بالىلارنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، "قىزىل بايراق يەسلى" گە تېلېفۇن ئۇردۇق.

يەسلى نۆۋەتچى خادىمى، بىزنىڭ "يەسلىدە قانچىلىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى بار؟" دېگەن سوئالىمىزغا تولۇق جاۋاب بەرمەي "ھازىر تەتىل مەزگىلى" دەپ تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتتى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزىلاردىكى يەسلى ئەھۋاللىرىدىن مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بىز ئىلى ئوبلاستى كېپەك يۈزى يېزىسىنىڭ ئۇيغۇر يېزا باشلىقىغا تېلېفۇن ئۇردۇق. يېزا باشلىقى بىز بىلەن قىسمەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئازراق تالاش - تارتىش قىلغاندىن كېيىن، بىز ئېنىقلاپ بىلمەكچى بولغان مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدىكى سوئالىمىزنى يەنىلا جاۋابسىز قويدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەسلىلەرگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشتا، ئەسكەرلىكتىن قايتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىگە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى قۇتلۇق ئالماس ئەپەندى ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.