پېشقەدەم تارىخىي شاھىد ۋە تەتقىقاتچى باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئەسلىمىلىرى (3)

1944 - يىلى 12 - نويابىردا غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيىسىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىغا 65 يىل توشتى. قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان 84 ياشلىق ئەدەبىياتشۇناس باتۇر ئەرشىدىنوف 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا قاتناشقان.

0:00 / 0:00

ئۇ مىللىي ئارمىيىنىڭ ئوفىتسېرى بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل ھەربىي مەكتەپ، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابىدا خىزمەت قىلغان. 1949 - يىلىدىن كېيىن 13 - دىۋىزىيە شىتابىدا گېنېرال مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوفنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن ئىدى.

سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى باتۇر ئەرشىدىنوف ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزدە، ئۇ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا كۆرسەتكەن ھەربىي - سىياسىي تەسىرى، جۈملىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىنقىلابنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن تارتىپ تاكى مەغلۇپ بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

بۈگۈنكى كۈنلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن "ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى" دەپ ئاتىلىۋاتقان 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ جەڭگىۋار مۇنتىزىم قوشۇنى بولغان مىللىي ئارمىيە 1945 - يىلى 8 - ئاپرېلدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئىنقىلاب ۋە ئارمىيە ئەينى ۋاقىتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشكەن.

مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، مىللىي ئارمىيە تەركىبىدە تاكى 1946 - يىلى بىتىم تۈزۈلگىچە بولغان ئارىلىقتا كۆپلىگەن سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ئوفىتسېرلار ئىشلىگەن ھەمدە سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.