يومبى تونا: «11 ئۇيغۇر قاچقۇننىڭ قوغدىلىش ھەققى بار!»
2018.02.27
تايلاند تۈرمىسىدىن قېچىپ چىققان 11 ئۇيغۇر مالايشىيادا تۇتۇلۇپ ھازىرغىچە تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. 26-فېۋرال مالايشىيا باش مىنىستىرى نەجىب رازاققا يېزىلغان ئوچۇق خەت تۈپەيلى بۇ مەسىلە يەنە بىر قېتىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
باش ئورگىنى تايلاندنىڭ باڭكوك شەھىرىدىكى «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان قاچقۇنلار ھوقۇقى تورى» تەشكىلاتى ئەۋەتكەن بۇ ئوچۇق خەتتە مالايشىيا باش مىنىستىرى نەجىب رازاقتىن مالايشىيادا قولغا ئېلىنغان 11 ئۇيغۇر قاچقۇننى ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ خەلقئارالىق قانۇن بويىچە بىر ياقلىق قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى جىددىي تەلەپ قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەشكىلات 28 دۆلەتتىكى 320 پۇقراۋى تەشكىلاتتىن تەركىب تاپقان خەلقئارالىق تور بىرلىكى بولۇپ، ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى قاچقۇنلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا دائىر مەسىلىلەرنى بىر ياقلىق قىلىدىكەن.
مەزكۇر ئوچۇق خەتتە بۇ ئۇيغۇر قاچقۇنلارنىڭ خىتايدىكى زۇلۇم سەۋەبلىك چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بۇ 11 ئۇيغۇرنى مالايشىيا ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرسە بۇ ئۇلارنى قاراپ تۇرۇپلا ئۆلۈمگە ئىتتەرگەنلىككە باراۋەر ئىكەنلىكى، شۇڭا مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ئىمزا قويغان خەلقئارالىق مۇساپىرلارنىڭ قوغداش ئەھدىنامىلىرىگە رىئايە قىلىشى لازىملىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
«مالاي تورى» نىڭ 27-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بولسا مالايشىيا بىلەن خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى 96 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا مۇناسىۋىتىدە بولغانلىقى ھەمدە بۇ خىل مۇناسىۋەتتىن مالايشىيا باش مىنىستىرى نەجىب رازاقنىڭ ئالاھىدە مەمنۇن ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ.