2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خاتىرىلەندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.07.05

5-ئىيۇل كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى خاتىرىلىدى. پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا، گېرمانىيە، كانادا، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۇيۇشتۇرۇلدى. نامايىشلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى، غايىپلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى.

2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدە تاياق يەپ ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇر ئىشچىلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىپ تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلغان ئىدى. ئەمما نامايىش ساقچىلارنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۆز قولىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىغا تايىنىپ ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتايلار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. ھالبۇكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرگە قاراتقان باستۇرۇش، تازىلاش ھەرىكىتىدە مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە غايىب بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھازىرغىچە ۋەقەدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان 47 كىشىنىڭ ئېنىق ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ چىقتى. شۇ قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىگىمۇ ئېغىر زەربە بەرگەن. «دىيارىم»، «شەبنەم»، «ئالتۇن تارىم»، «ئورخۇن» قاتارلىق تور بەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ساھىبلىرى، تور يازغۇچىلىرى ھەممىسى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئالدى 5 يىل، كەينى مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان. گۈلمىرە ئىمىن، نىجات ئازاد، مەمەتجان، غەيرەت نىياز، نىياز قاھار قاتارلىقلار شۇلارنىڭ پەقەتلا بىر قانچىسى، خالاس. 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى قولغا ئالغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن نۇرغۇنىنىڭ، جۈملىدىن كامبودژا ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ چىققاندىن كېيىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن قاچقۇنلارنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولماي كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن زامان تارىخىدىكى ئەڭ پاجىئەلىك ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.