«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى ماقالە ئېلان قىلىپ، 1947-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «25-فېۋرال قانلىق ۋەقەسى» نى خاتىرىلىگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.03.11


ئالمۇتادا چىقىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى 10-مارت كۈنى يادىكار سابىتوفنىڭ «ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قەيسەرلىكى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، 1947-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «25-فېۋرال قانلىق ۋەقەسى» نىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.

ماقالىدە بۇنىڭدىن 70 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخىي ۋەقەلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەركىبىدە گومىنداڭ دائىرىلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان كەسكىن كۈرەشلىرى بايان قىلىنغان.

مەلۇمكى، 1945-يىلى كۈزدە مىللىي ئارمىيە ماناس دەرياسى بويىغا قىستاپ كەلگەن، ئۈرۈمچىدىكى گومىنداڭ دائىرىلىرى ئىچكىي خىتايغا قېچىشقا يۈز تۇتقان بىر پەۋقۇلئاددە تارىخىي ۋەزىيەتتە ئىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى بىلەن ئۇرۇش توختىتىپ سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

ئۈرۈمچىدە يېرىم يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان تىنچلىق سۆھبىتى نەتىجىسىدە «11 بىتىم» ئىمزالىنىپ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئىلى ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىگە كېلىپ بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

ھالبۇكى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ گارنىزون قوماندانى سۇڭ شىليەن باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ئوڭچىلىرى ئىلى تەرەپنىڭ تەسىرىنى تازىلاش، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىلى ۋەكىللىرىگە تەھدىت سېلىش غەرىزىدە 1947-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچىدە قانلىق ۋەقە پەيدا قىلىدۇ.

پۇقراچە كىيىنىپ، قۇراللىرىنى قوينىغا يوشۇرىۋالغان گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ئۈرۈمچىدىكى خىتاي، تۇڭگان ۋە ئاز بىر قىسىم قازاقلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت بىناسىغا بېسىپ كىرىپ، ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئىلى ۋەكىللىرىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار گومىنداڭ دائىرىلىرى بىلەن تىغمۇ-تىغ ئېلىشىپ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ سۈيقەستلىك پىلانىنى بىتچىت قىلىدۇ. سۈيقەستى تارمار قىلىنغان گومىنداڭچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «نامايىشچى» قوشۇنى ئۈرۈمچى جەنۇبىي قوۋۇققا يىغىلىپ كۈچ كۆرسىتىۋاتقان نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بېسىمى ئارقىسىدا تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

بۇ ۋەقە تارىخىي شاھىتلار تەرىپىدىن «25-فېۋرال قانلىق ۋەقەسى» دېگەن نام بىلەن خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.