«ۋال سىترېت ژۇرنىلى» نىڭ 25-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى يەنە ئۈچ خىتاي شىركىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلىنىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن «قارا تىزىملىك» كە ئالغان. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان ئۇلار ۋۇجۇدقا چىقارغان يەنە بىر ئەمەلىي قەدەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر ساھەنىڭ، شۇنىڭدەك مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ تيەنميەن توقۇمىچىلىق شىركىتى» ، «شىنجاڭ تەڭرىتاغ يۇڭ توقۇمىچىلىق شىركىتى» ۋە «شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى» قاتارلىق ئۈچ شىركەتنى رەسمىي ھالدا قارا تىزىملىككە ئالغان. شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ تەمىنات زەنجىرىگە چېتىشلىق تاۋارلارنىڭ ئامېرىكا تاموژنىسىدىن ئۆتۈشىنى مەنئى قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۈچ شىركەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن يەكۈن ئاساسىدا مەنئى قىلغان 28 چەتئەل شىركىتى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى سېيا روزمان (Thea D. Rozman) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ ھەرىكىتىمىز نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ ئېكسپورت چەكلىمىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغانلار، شۇنىڭدەك رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا يانتاياق بولۇۋاتقانلار ئۈچۈن ئوچۇق ئاگاھلاندۇرۇش» دېگەن.
ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە بىر مۇھىم شەكلى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ كۆپ قىسمى بىڭتۈەن باشقۇرۇشىدىكى ھەرقايسى زاۋۇت ۋە فابرىكىلارغا ئەرزان باھالىق «زامانىۋى قۇللار» سۈپىتىدە يۆتكىلىۋاتقانلىقى، يەنە زور ساندىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.