ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا خىتاي دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن خىتاي بويىچە 367 جايدىكى «4ئا دەرىجىلىك مەنزىرە ساياھەت نۇقتىسى» غا ئوخشىمىغان دەرىجىدە بىر تەرەپ قىلىش چارىسى ئېلان قىلغان.
بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىككى «4ئا دەرىجىلىك مەنزىرە ساياھەت نۇقتىسى» نىڭ ۋىۋىسكىسىنى بىكار قىلغان. ئۇلار بايىنغولىن موڭغول ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق شياڭسىخۇ مەنزىرە نۇقتىسى بىلەن بىڭتۋەننىڭ 12-دىۋىزىيەسىگە قاراشلىق جۇڭگو رەڭلىك پاختا پەن-تېخنىكا باغچىسى ئىكەن.
ئۇندىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن سەككىز جايدىكى «4ئا دەرىجىلىك مەنزىرە ساياھەت نۇقتىسى» غا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرگەن. ئۇلار ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئالتاي ۋە بىڭتۋەنگە قاراشلىق بىرقانچە ئورۇنلاردىكى مەنزىرە ساياھەت نۇقتىلىرى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەنزىرە ساياھەت نۇقتىلىرىنى ئېچىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆپ جايلاردىكى تەبىئىي مەنزىرە رايونلىرى دۆلەت دەرىجىلىك ۋىۋىسكا ئېسىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشقا باشلىغان. ھالبۇكى، بىرقانچە يىلغا بارمايلا بۇ جايلارنىڭ تەبىئىي مۇھىتى بۇزۇلۇپ، مەنزىرىسى ئۆز گۈزەللىكىنى يوقاتقان.
كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئون دۆلەت دەرىجىلىك مەنزىرە ساياھەت نۇقتىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇشى، بۇ يەردىكى مۇھىت كىرىزىسىنىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى ئاشكارىلاپ كۆرسەتمەكتە، دەپ قارىماقتا.