بەش بۇرجەكلىك بىنا خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىغا زور مەبلەغ سالىدىكەن
2023.09.07
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ پېنتاگون (بەش بۇرجەكلىك بىنا) دىكى باش ئىشتابى خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كەلگۈسى ئىككى يىل ئىچىدە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىغا زور مەبلەغ سالىدىكەن.
«ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىدە مۇنداق دېگەن:
«بەش بۇرجەكلىك بىنا كەلگۈسى ئىككى يىل ئىچىدە خىتاي ۋە باشقا دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى، ئادەمسىز ئۇچقۇ (درون) ۋە باشقا ئاپتوماتىك سىستېمىلارنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويماقچى.»
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى كاتلىن ھىكس (Kathleen Hicks) 6-سېنتەبىر چارشەنبە كۈنى ئاخباراتلارغا قىلغان سۆزىدە، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا نەچچە يۈز مىليون دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ نەچچە مىڭلىغان ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنى ئاساس قىلغان سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرىنى تېزدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى، نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى تەرەققىياتى پەيدا قىلىدىغان تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھىكس شۇ كۈنكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بىز ئۇرۇش ئىچىدە ئەمەس ۋە ئۇرۇش قىلىشنىمۇ خالىمايمىز. بىراق بىز بۇ خىزمەتلەرنىڭ ئۇرۇش جىددىيىتى ئىچىدە تېزدىن ئىلگىرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. چۈنكى خىتاي بىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ» .
مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەر شارىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۈنسېرى تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان مەخسۇس تۈرنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ تۈرگە «كۆپەيتكۈچى» دەپ نام بېرىلگەن. بەش بۇرجەكلىك بىنا بۇ تۈرگە زور مەبلەغ سېلىپ، نەچچە مىڭلىغان سۈنئىي ئەقىل تۈرلىرى ئارقىلىق قوزغىتىلىدىغان سىستېمىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان.