دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» نى خاتىرىلەشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-07-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل شەكىللەردە «5‏-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 9 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە چاقىرغان.

د ئۇ ق باياناتىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، ياۋروپا پارلامېنتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا مەكتۇپ يېزىش، خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئۆتكۈزۈش، 5‏-ئىيۇل كۈنى تور سەھىپىلىرىنى قارايتىش، چەتئەل گېزىت-ژۇرناللىرىدا ماقالە ئېلان قىلىش، بۇ بىر ھەپتىدە توي-تۆكۈن ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزمەسلىك، «5‏-ئىيۇل» قۇربانلىرىغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ 9 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى تەلەپ قىلغان.

«5‏-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنى ئۆلتۈرۈشى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2009‏-يىلى 5‏-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلىپ «شاۋگۈەن ۋەقەسى» نى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى، ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇرغان. نەتىجىدە نامايىش ناھايىتى تېزلا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئېتنىك توقۇنۇشقا ئايلانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە 200 دەك ئادەم ئۆلگەنلىكى، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. لېكىن خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مەزكۇر ۋەقەدە مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

د ئۇ ق نىڭ باياناتىدا «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھۆرلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا قىممەتلىك ھاياتلىرىنى تەقدىم قىلغان باتۇر ئوغۇل - قىزلىرىمىزنى ياد ئېتىش، ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە قارىتا رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا پاش قىلىش - بىز چەت’‍ئەللەردىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋىجدانىي، ئىنسانىي ۋە مىللىي بۇرچىمىز،» دېيىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت