دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
2021.07.05
2009-يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئادالەت تەلەپ قىلىپ چىققان ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىنى باستۇرۇپ، ئارقىدىن قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن پاجىئەلىك كۈن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭمۇ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئۆتكەن 12 يىلدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش، ئۆتمۈشتىكى قانلىق تارىخنى ئەسلەش، خىتاينىڭ جىنايىتىنى داۋاملىق تارتىپ چىقىش ئارقىلىق، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، خىتايدىن ھېساب ئېلىش ئىرادىسىنى نامايەن قىلىپ كەلگەنىدى.
ھەر يىلى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى ئەيىبلەپ بايانات بېرىپ كېلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ قېتىممۇ ئاخبارات ئېلان قىلىپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخىي جىنايەتلىرىدىن بىرى بولغان بۇ ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
بۇ باياناتتا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ باشلىنىش سەۋەبى، نامايىش ۋە نامايىشتىن كېيىن يۈز بەرگەن پاجىئەلەر تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە، بۇ قورقۇنچلۇق ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىنايىتىنىڭ خەلقئارادا تېگىشلىك دىققەتكە ئېلىنمىغانلىقى، مۇستەقىل تەكشۈرۈلمىگەنلىكى، ھەتتا خىتايغا تېخىمۇ كەڭ ئىمكانىيەت بېرىلىپ، بۈگۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىگە ئاساس سېلىنغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
مەزكۇر بايانات تارىختىن بېرى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش داغدۇغىسى داۋاملىشىۋاتقان كۈنلەرگە توغرا كەلگەن بولۇپ، كوممۇنسىت خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش، ئۇنىڭ ئاتالمىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ماھىيەتتە رەزىللىق ۋە جىنايەت ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.