60 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ب د ت نى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-06-22
Share

شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىش ھارپىسىدا «خىتاي ئىشلىرى بويىچە خەلقئارا پارلامېنت ئىتتىپاقى» نىڭ 60 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ب د ت غا بىرلەشمە مەكتۇپ يوللاپ، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش كومىتېتى» قۇرۇشقا چاقىردى.

مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ تور بېتىدە 21-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 18 دۆلەتتىكى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ناجات شەمىم خانغا يوللانغان بۇ مەكتۇپقا ئىمزا قويغان. ئۇلار ئارىسىدا ئامېرىكا سىياسيونلىرىدىن بوب مېناندېز، گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ رەئىسى رېنخارد بۇتىكوفىر، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى دۇنكان سىمىت، ياپونىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېن ناكاتانى، گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى مارگارېت باۋۇز قاتارلىق كىشىلەر بار ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە بىر قىسىم ياۋروپا پارلامېنتلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىۋاتقان ئەھۋالدا ئېلان قىلىنغان بۇ مەكتۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

بىرلەشمە مەكتۇپتا دۇنكان سىمىت ئەپەندى «نۆۋەتتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەنجۈر ياپراقلىرى ئارقىلىق ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەتنىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرماقتا. بىز بۇنى قوبۇل قىلالمايمىز. چۈنكى ئۇيغۇرلار ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر بىرلەشمە مەكتۇپ يەنە فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغىمۇ يوللانغان بولۇپ، ئۇلارمۇ بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇشقا دەۋەت قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت