گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنى 26-ئىيۇن، يەنى يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قارشى كەلگۈسى بەش يىلدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 600 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىش پىلانىنى قوبۇل قىلغان.
گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە شىتاتىدىكى شىلوس ئەلمو قورۇقىدا ئۇچراشقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېن ۋە سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھىدىكى ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدو، ياپونىيە باش مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا، فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون قاتارلىق رەھبەرلەر «يەر شارى ئۇل ئەسلىھەرلەر ۋە مەبلەغ سېلىش ئورتاق ھەمكارلىقى» ناملىق پروگراممىنى بىرلىكتە تەستىقلىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىغىندا پرېزىدېنت بايدېن، «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە يۇقۇمغا ئوخشاش يەر شارى خاراكتېرلىك داۋالغۇشلارنى كونترول قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان موھىم ئۇل ئەسلىھەلەر كەمچىل، شۇڭا ئۇلار بۇنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ كەسكىن ھېس قىلدى ۋە ئەسلىگە كېلىشتە قىينالدى… بۇ پەقەت ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىلا ئەمەس، ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدۇر،» دېگەن. پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا كەلگۈسى بەش يىلدا فېدىرال ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي مەبلەغ فوندىلىرىدىن 200 مىليارد دوللار چىقىرىپ، تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا ھال كىرىمدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا كېلىمات ئۆزگىرىشى، يەر شارى ساغلاملىق، جىنسىي باراۋەرلىك ۋە دىگىتال ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىندا ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ پرېزىدېنتى ئۇرسۇلا فون دېر لېيىن، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ياۋروپانىڭ 317 مىليارد دوللار توپلاپ، خىتاينىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇشقا باشلىغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قارشى ئىزچىلىققا ئىگە يەنە بىر قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان.