ئەنگلىيە BBC مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز سادا
2019-06-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى» دە زىيارەتتە بولغان ئەنگلىيە رادىئو BBC ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جون سادۋون بۇ جايلاردىكى «ساختىلىق» لارنى بايقاپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلغاندەك نورمال جاي ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان.

BBC نىڭ 17-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان سىن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مۇخبىرلارنى بۇ «مەكتەپ» لەرنى ئۇلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. زىيارەت داۋامىدا جون سادۋون بۇ جايدا «تەربىيەلىنىۋاتقانلار» نىڭ كومپيۇتېرىدا «مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى سۆيىمەن»، «مەن بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى سۆيىمەن». . . دېگەندەك جۈملىلەرنى يېزىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن. 
جون سادۋون «ئوقۇتقۇچى» لاردىن بۇ «ئوقۇغۇچىلار» نىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇ جايغا كەلگەنلىكىنى سورىغىنىدا، ئۇلارنىڭ «ئاشقۇن ئىدىيە» بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى خالاپ بۇ يەرگە تەربىيەلىنىشكە كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. قىزىق يېرى «تەربىيەلەنگۈچىلەر» بۇ يەرگە ئۆزىنىڭ خالاپ كەلگەنلىكىنى قايتا-قايتا ئەسكەرتكەن. 

مەزكۇر سىن خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا لاگېرلارنى قورشاپ تۇرغان كۆزىتىش مۇنارىدۇر. جون سادۋوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، لاگېرلارنىڭ ئىلگىرى تارتىلغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىدە ئەتراپتا كۆپلىگەن «كۆزىتىش مۇنارى» بار بولۇپ، مۇخبىرلار بۇ جايغا زىيارەتكە كېلىشتىن بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال بۇ مۇنارلار ئېلىۋېتىلگەن. ئەتراپتىكى قۇرۇق بىر يەر تەنھەرىكەت مەيدانىغا ئۆزگەرتىلىپ، مۇخبىرلار كەلگەندە «ئوقۇغۇچىلار» ھەرخىل تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.

سىن خەۋىرىدىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ يەنە بىرى شۇكى، جون سادۋون خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نازارىتىسىز مەكتەپنىڭ كەينىدىكى بىر جاينى كۆرگىلى بارغىنىدا، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن سىنغا ئېلىشى چەكلەنگەن. 

جون سادۋون يۇقىرى نۇقتىلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۈچۈن «ساختا مەيدان» ياسىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت