پرېزىدېنت ترامپ ISIS نىڭ رەھبىرى ئەبۇ بەكىر ئەل-باغدادىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ 27‏-ئۆكتەبىر ئاق سارايدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ 26‏-ئۆكتەبىر كۈنى سۈرىيەدە ئېلىپ بارغان تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ISIS نىڭ رەھبىرى ئەبۇ بەكىر ئەل باغدادىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «5 يىل ئاۋۋال ئۆزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى، دەپ ئېلان قىلىپ، دۇنيا مىقياسىدا زوراۋانلىقنىڭ قوزغىلىشىغا تۈرتكە بولغان ئەل باغدادىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بۆسۈش خاراكتېرلىك مۇھىم ۋەقە» ئىكەن.

پرېزىدېنت ترامپ ئاخبارات يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى 1‏-نومۇرلۇق تېررورچىلىق رەھبىرى ئەبۇ بەكىر ئەل باغدادىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ISIS، يەنى «ئىسلام دۆلىتى» دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھشى، ئەڭ زوراۋان تېررورلۇق تەشكىلاتى بولۇپ، ئامېرىكانىڭ باغدادىنى ئىزدەۋاتقىنىغا نەچچە يىل بولغان ئىكەن. ئۇ، ئەل باغدادىنى تۇتۇش ياكى ئۆلتۈرۈش ئۇنىڭ دەۋرىدە ئامېرىكانىڭ تۈپ دۆلەت بىخەتەرلىك ۋەزىپىسىگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى شەنبە كۈنى كەچتە غەربىي-شىمالىي سۈرىيەدە خەتەرلىك ۋە جەسۇرانە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان. ئۇ، مەزكۇر ھۇجۇمدا ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ھېچقانداق ئادەم چىقىمى تارتمىغانلىقى، ئەل باغدادىنىڭ نۇرغۇن ئادىمىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تۈنۈگۈن ئاخشام ئامېرىكا ۋە دۇنيا ئۈچۈن ناھايىتى زور كۈن بولدى. نۇرغۇن ئىزتىراپ ۋە ئۆلۈمگە سەۋەب بولغان بىر ۋەھشى قاتىل، شىددەتلىك ھالدا يوقىتىلدى. ئۇ ئەمدى باشقا بىگۇناھ كىشىلەرگە، ئاياللار ۋە بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ. ئۇ ئىتقا ئوخشاش، قورقۇنچاقلارچە ئۆلدى» دېگەن.

ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەل باغدادى 3 بالىسى بىلەن قوشۇپ ئۆزىنى پارتىلىتىۋالغان. ئەبۇ بەكىر ئەل باغدادى 2014‏-يىلى ئىراقنىڭ موسۇل شەھرىدە ئاتالمىش «ئىسلام دۆلىتى» قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى، دەپ ئېلان قىلغان، شۇنداقلا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى «ئىسلام دۆلىتى» گە كېلىپ قوشۇلۇشقا چاقىرغان. بۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى رادىكال مۇسۇلمانلار ئىراق ۋە سۈرىيەگە ئېقىشقا باشلىغانىدى. لېكىن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلۇسى خانىم ئامېرىكانىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە قايىل بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمما «باغدادىنىڭ ئۆلۈشى ‹ئىسلام دۆلىتى› نىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ» دېگەن.