ئابدۇۋەلى ئابدۇراھمان ھەققىدە گۇمانلىق پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.05.30

BBC ئاگېنتلىقىنىڭ 30-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 10-ماي كۈنى جەنۇبىي كورېيەنىڭ سېئول شەھىرىدىن خوڭكوڭ ئايرودرومىغا چۈشكەندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدۇۋەلى ئابدۇراھمان ھەققىدە يېقىندىن بۇيان تۈرلۈك گۇمانلىق خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 10-ماي كۈنى ئابدۇۋەلى ئۆزىنىڭ خوڭكوڭ ئايرودرومىغا چۈشكەندىن كېيىنلا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوئال-سوراقلىرىغا دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدە دوستىغا ئۇچۇر قىلىۋەتكەن. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتكەنلىكتىن، ھەرقايسى ساھەنىڭ زور ئەندىشىسىنى قوزغىغان. شۇ قاتاردا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 26-ماي كۈنى بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. 30-ماي كۈنى خوڭكوڭ دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتى پۈتۈنلەي ئاساسسىز. ئابدۇۋەلى ئابدۇراھمان ھېچقاچان خوڭكوڭ تەۋەسىگە كىرمىگەن ياكى ئۇنىڭ خوڭكوڭ چېگراسىدىن ئۆتۈشى رەت قىلىنغان» دەپ جاكارلىغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن ئالكان ئاكاد (Alkan Akad) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «قارىغاندا، ئابدۇۋەلى خوڭكوڭغا بارغان ھامان تۇتقۇن قىلىنغان ھەمدە سوراق قىلىنغان. خوڭكوڭ دائىرىلىرى ھازىر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىغا يېقىندىن شېرىك بولماقتا» دېگەن.

ئابدۇۋەلى ھەققىدە تۈرلۈك خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا، 30-ماي كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆزلىرىنىڭ شۇ كۈنى ئابدۇۋەلى بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى ئېيتىپ: «ئابدۇۋەلى مەن ھېچقاچان خوڭكوڭغا بارمىغان، دەپ گۇۋاھلىق بەردى» دېگەن. شۇنداقلا بۇ خەۋەرنىڭ ئابدۇۋەلى ھەققىدە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا چىققان بارلىق پىكىرلەر بىلەن زور دەرىجىدە زىت كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما ئابدۇۋەلىنىڭ قانداق شارائىتتا «مەن خوڭكوڭغا بارمىغان» دېگەنلىكى ھەققىدە ھازىرچە ھېچقانداق مەلۇم يوق.

مەلۇم بولۇشىچە، قارامايدا تۇغۇلغان ئابدۇۋەلى ئۆتكەن يەتتە يىلدىن بۇيان سېئول شەھىرىدە تەنتەربىيە كەسپى بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، 10-مايدا خىتاي پاسپورتى ئارقىلىق خوڭكوڭدىكى بىر دوستىنى يوقلاشقا بارغاندا غايىب بولۇپ كەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.