خىتاي بىر يىلدىن بۇيان رۇسىيەگە ئادەمسىز ئۇچقۇ (درون) سېتىپ بەرگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.03.22

خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيەگە قورال ياردىمى بېرىۋاتقانلىقىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما رۇس ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش مەيدانىنى چارلىشى ۋە ئۇچۇر ئىگىلىشىگە قولايلىق بولغان ئادەمسىز ئۇچقۇ (درون) لارنى داۋاملىق تەمىنلەپ تۇرغان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 22-مارت كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە، خىتاي رۇسىيەگە 12 مىليون دوللارلىق ئادەمسىز ئۇچقۇ ۋە ئۇلارنىڭ زاپچاسلىرىنى سېتىپ بەرگەن. بۇ ئايروپىلانلار خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئادەمسىز ئۇچقۇ ياساش شىركىتى DJI ۋە باشقا كىچىك شىركەتلەر تەرىپىدىن ياسالغان بولۇپ، خىتاينىڭ ۋاسىتىچى شىركەتلىرى ئۇلارنى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىدىكەن.

بۇ ئادەمسىز ئۇچقۇلارغا ئامېرىكانىڭ تېخنىكىسىنىڭ قېتىلغان-قېتىلمىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ئەگەر قېتىلمىغان بولسا، ئۇنىڭ رۇسىيەگە سېتىپ بېرىلىشى قانۇنىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى سىياسىي مەسىلە بولىدىكەن.

رۇسىيە بۇ ئادەمسىز ئۇچقۇلارنى سېتىۋېلىپ، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش مەيدانىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە چارلاشقا ئىشلىتىدىكەن. تۆت قۇيرۇقتىكى چاقپىلىكى بىلەن ئۇچىدىغان بۇ ئۇچقۇلار رۇسىيە ئۈچۈن ئوق-دورىدەكلا مۇھىم قورالغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇكرائىنا تەرەپ ئۇلارنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن چىقىم تارتىدىكەن.

بۇ ئادەمسىز ئۇچقۇلارنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەشنىڭ قىيىن بولۇشىدىكى سەۋەب، بۇ نەرسىلەر پەقەت ئۇرۇش ئۈچۈنلا ئەمەس فوتوگرافچىلار ۋە كامېراچىلارنىڭ بوشلۇقتىن سۈرەت-ۋىدىيو تارتىشى، ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ يەر-زېمىن ئۆلچىشى ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا، خىتاي شىركەتلىرى بۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئۇنى سېتىپ بېرىدىكەن؛ ئۇنىڭ نېمە مەقسەتتە سېتىلىدىغانلىقى ئېنىق بولمىغاچقا، ئۇنى چەكلەشمۇ تەس بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.