سەرۋەر دانىش: «خىتاي ھازىر ئافغانىستاننىڭ ئىشەنچلىك دوستى!» دېدى

خىتاينىڭ غايەت زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن يولغا قويۇۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى خىتايغا قوشنا بولغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تارتىش بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

يېقىندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ھوقۇقدار شەخس چېن چۇەنگونىڭ ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە كەلگەن ئافغانىستاننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى سەرۋەر دانىش بىلەن ئۇچرىشىشى بۇ نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندۈردى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 30-ئىيۇل كۈنى سەرۋەر دانىش باشچىلىقىدىكى ئافغانىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە كېلىپ، چېن چۇەنگو باشچىلىقىدىكى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولغان.

سۆھبەتتە چېن چۇەنگو ئافغانىستاننى «ئىشەنچلىك ياخشى قوشنا» دەپ تەرىپلىگەن بولسا، سەرۋەر دانىش خىتاينى «ئافغانىستاننىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك دوستى» دېگەن ھەمدە خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان ئافغانىستاننى قوللاپ كەلگەنلىكىگە تەشەككۈر بىلدۈرگەن. ئىككى تەرەپ سۆھبەت جەريانىدا نۇقتىلىق قىلىپ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئۈچۈن زۆرۈر بولغان «تېررورلۇققا ۋە ‹ئۈچ خىل كۈچلەر› گە قارشى كۈرەشتە زىچ ھەمكارلىشىش، شۇ ئارقىلىق رايون بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» ھەققىدە سۆزلەشكەن.

ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش بولۇۋاتقاندا خىتاينىڭ ھىندىستان ۋە ئۆزىنىڭ قوشنىسى ئافغانىستان بىلەن قويۇق دوست تارتىشى ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئەمەلىيەتتە ‹بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش› نى مەقسەت قىلغانلىقى، ئافغانىستاننىڭ بولسا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ خىتايدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.