يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپلا دەرھال داۋالانغان بىر قىسىم كىشىلەردە ئەمەلىي داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈلگەن.
فرانسىيەدىكى ئالىم - تەتقىقاتچىلار ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنلا داۋالانغان 14 بىمار ئۈستىدىن كلىنىكىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
نەتىجىدە، بۇ كىشىلەر ئەيدىزگە قارشى دورىلارنى ئىشلىتىشتىن توختىغان بولسىمۇ، بۇلاردا 7 يىلغىچە ئەيدىز ۋىرۇسى قايتا قوزغىلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمىگەن.
ئامېرىكىدىكى CBS ئاخبارات قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى فرانسىيەدە چىقىدىغان «پلوس پاتوگېنس» ئىلمىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
بۇ خەۋەر ئامېرىكا مىسسىسىپى شتاتىدا بىر ئەيدىز يۇقۇمدارى بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇپ، 30 سائەت ئىچىدە داۋالاش قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيدىزدىن تامامەن قۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئوتتۇرىغا چىقتى.
فرانسىيەدىكى نەكەر دوختۇرخانىسى ۋە پارىژ دەسكارتېس ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى كرىستىنە روزىئوكس بۇ ھەقتە توختىلىپ: بۇ بىمارلارنى دەرھال داۋالاش ۋىرۇسنىڭ تەرەققىياتىنى تىزگىنلىگەن بولۇشى، ۋىرۇسنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىشىنى چەكلەپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، دېدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بىمارلاردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى جۇغلانمىلىرىنىڭ قىسقىرىشى بۇ جەھەتتە ئەمەلىي داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىمۇ خىتاي بويىچە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى رايونلارنىڭ بىرى. بەزى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلاردىكى ئەيدىز كرىزىسىنىڭ بۇ قەدەر يۇقىرى بولۇشىدا، ئەيدىزگە سەل قاراش، ئىلمىي مۇئامىلە قىلماسلىق، ئۈمىدسىزلىنىپ يوشۇرۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭمۇ رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
فرانسىيەدە بايقالغان بۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك داۋالاش نەتىجىسى ئۇيغۇر ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغىمۇ ئۈمىد ئېلىپ كەلگۈسى.