«تېلېگراف» تورىنىڭ 28-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قىسقا مۇددەتلىك ئۆي ئىجارە بېرىش شىركىتى بولغان Airbnb تور سۇپىسىنىڭ خىتايدىكى ئىجارە ئۆي تەمىنلەش تىزىملىكىدىن قارىغاندا، بۇ شىركەت بەزىدە ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇرالغۇ تەمىنلەشنى ئېنىق چەكلىگەن ۋە بۇنى «بىز پەقەت يەرلىك قانۇنغا ئاساسەن شۇنداق قىلدۇق» دېگەن.
Airbnb كېلەر يىل 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىغا ياردەم بەرگەن شىركەت بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن كۈچلۈك بېسىمغا ئۇچرىغان ۋە بۇ ئولىمپېك مۇسابىقىسىغا ياردەم بېرىشتىن ۋاز كېچىشى تەلەپ قىلىنغان.
سەيشەنبە كۈنى (27-ئىيۇل) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىغا ياردەم بەرگۈچى شىركەتلەردىن كوكا كولا، ئىنتېل قاتارلىقلار ئىچىدە Airbnb شىركىتىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن، ھەر قانداق شىركەت ئۆز مەنپەئەتىنى دەپ كىشىلىك ھوقۇققا زىيانكەشلىك قىلماسلىقى كېرەك. ئەگەر Airbnb شىركىتى ئامېرىكىدىكى ئافرىقىلىقلارغا ئۆي ئىجارە بېرىشنى چەكلىسە قارشىلىققا ۋە جازاغا ئۇچرايدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ شىركەت خىتايغا ماسلىشىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە ئۆي ئىجارە بېرىشنى چەكلىسە بۇمۇ كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلغانلىق بولىدۇ، بۇ شىركەتنىڭ خىتايدا ئولىمپېك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بەرگىنى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ جىنايىتىنى قوللىغىنى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇنى داۋاملىق ئەيبلىشى كېرەك.