ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە ئىككى نەپەر خىتاي ئەمەلدارى ۋە ئۈچ خىتاي شىركىتىگە جازا ئېلان قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2023.12.08

8-دېكابىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق ئىككى نەپەر خىتاي ئەمەلدارى بىلەن ئۈچ خىتاي شىركىتىگە جازا ئېلان قىلدى.

بۈگۈن جۈمە كۈنىدىكى جازا تەدبىرىنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئېلان قىلغان بولۇپ، قاراردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان «ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» گە چېتىشلىق گاۋ چى ۋە خۇ ليەنخې قاتارلىق ئىككى نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغاندىن باشقا، مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلانغان يەنە ئۈچ خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكاغا مال ئېكسپورت قىلىشىغا چەكلىمە قويۇلدى.

مەزكۇر جازا تەدبىرلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 2020-يىلى ماقۇللىغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ 6-ماددا بىرىنچى تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن يولغا قويۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، گاۋ جى ئىلگىرى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ئۇ 2018-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىجرا قىلغان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىگە يېقىندىن ھەمكارلاشقان. ئۇ شۇ يىللاردا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ بىرىنچى قول مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلى ئوبلاستىدا ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى ئاساس قىلغان يۈز مىڭلىغان ئىنسانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە لاگېرلارغا قامىلىشىغا بۇيرۇق بەرگەن؛ مىڭلىغان تۇتقۇنلارنىڭ قىيىن-قىستاققا ئېلىنىشى، سوتسىز كېسىلىشى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خانىۋەيران بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان.

 خۇ ليەنخې 2012-يىلدىن باشلاپ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. بۇ ئىشخانا 2000-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش ئىشلىرىغا بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلغان. خۇ ليەنخې خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ سىياسىتى» نى بەلگىلەشتىكى يادرولۇق شەخس بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىدا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتكە ئىگە شەخستۇر.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ نۆۋەت ئېلان قىلغان جازا تەدبىرلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ماقۇللىغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ھارپىسىغا توغرا كەلدى. «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» دە ھەر بىر ئىنساننىڭ ياشاش ھوقۇقى، ئەركىنلىك ۋە شەخسىي بىخەتەرلىك ھوقۇقلىرىنىڭ تارتىۋالغىنى بولمايدىغان نېگىزلىك ھوقۇقلار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بولغان 30 دىن ئارتۇق خىتاي ئەمەلدارىغا ۋە نەچچە ئون خىتاي شىركىتىگە جازا ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ نۆۋەت ئىككى نەپەر خىتاي ئەمەلدارلىرىغا بېرىلگەن جازا قارارى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ سان-فىرانسىسكودا ئۇچرىشىپ بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىنلا ئېلان قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.