ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس فوندىغا پۇل بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان
2021.04.21
«فېدېراتسىيەچىلەر» (The Federalist) تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى چىپ روي يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس فوندىغا پۇل بېرىشنى چەكلەش توغرۇلۇق بىر قانۇن لايىھەسى سۇنغان. ئىلگىرىكى يىللاردا ئامېرىكانىڭ مەزكۇر فوندقا پۇل چىقىرىپ ياردەم بېرىشى تالاش-تارتىش قىلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى بۇ فوندنىڭ خىزمىتى مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازلىتىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەتتە ئامېرىكا ھەرگىز بۇ فوندقا ئىقتىسادىي ياردەم بەرمەسلىكى كېرەك ئىكەن.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن يىل ترامپ ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقى تۈپەيلىدىن نوپۇس فوندىغا بېرىدىغان پۇلنى تۇتۇپ قالغان ھەمدە ھۆكۈمەت ئالمىشىشقا ئاز قالغاندا خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان. ئەمما بايدېن گەرچە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋاقتىدا بۇ فوندقا ياردەم بېرىشنى رەت قىلىپ ئاۋاز بەرگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت رەھبىرىلىك ئورنىغا چىققاندىن كېيىن بۇ فوندقا ياردەم بېرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئاۋام پالاتا ئەزاسى چىپ روي ئامېرىكادىكى باج تۆلىگۈچىلەرنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش جىنايىتىگە شېرىك قىلماسلىق ئۈچۈن، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس فوندىغا ياردەم بېرىشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
جەمېستاۋۇن فوندىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى ئۈچۈن خەجلەيدىغان پۇلى 200 مىڭدىن كۆپ ئوپېراتسىيەگە يېتىدىكەن. 2019-يىل ب د ت نوپۇس فوندىنىڭ خىتايغا خەجلىگەن پۇلى 624 مىڭ 204 دوللارغا يەتكەن. خىتاينىڭ سېسىق نامى پۇر كەتكەن «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ۋە ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان بۇ قەبىھ قىلمىش 400 مىليون نوپۇسنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى چەكلىگەن.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئاياللارنىڭ بالىسىنى چۈشۈرۈۋېتىش ۋە تۇغدۇرماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلىش شەكلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن كۈچلۈك ئەيبلىنىشى كېرەك ۋە خىتاي بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بايدىن ھۆكۈمىتى بۇ قىرغىنچىلىققا تاقابىل تۇرىمەن دەيدىكەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىشىغا يول قويماسلىقى، ۋاسىتىلىك شەكىلدە بولسىمۇ ياردەم بەرمەسلىكى كېرەك».
ئومۇمەن ئېيتقاندا، مەزكۇر ماقالىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نوپۇس فوندى خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىي قىلمىشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋام قىلىۋاتقان ئەھۋالدا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش ئۇنىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولغانلىق دېگەن ئىدىيە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ياردەمدىن ۋاز كېچىشى ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىشى بىلەن ئوڭ تاناسىپ كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.