ئامېرىكانىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنىدا خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا چەكلىمىسى قويۇش ئورۇن ئالغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.01

ئامېرىكانىڭ «2025-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى» (NDAA) 2024-يىل 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن ماقۇللانغان، 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن ئىمزا قويغان بولۇپ، ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ بايانىغا قارىغاندا، بۇ قانۇندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى نازارەت قىلىش ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىگە چېتىشلىقى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ھوقۇقى بېرىلگەن.

ھىندىستاندىكى «مەتبۇئات» (The Print)، «سودا ئۆلچىمى» (Business Standard) تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، «2025-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى» دە، ئامېرىكانىڭ 2025-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىغا 895 مىليارد دوللار ئاجرىتىلغان، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە يەنە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرى كىرگۈزۈلگەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ماركو روبىيو، جېف مېركىلى قاتارلىقلار سۇنغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى 2020-يىل دونالد ترامپ ئىمزالىغانىدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى» ھەر يىلى دېگۈدەك يېڭىلىنىدىغان ۋە يېڭىدىن تەستىقلىنىدىغان قانۇن لايىھەسى بولۇپ، «2025-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى» نىڭ مۇددىتى گەرچە 2025-يىلنىڭ ئاخىرىدا توشىدىغان بولسىمۇ، 2030-يىلغىچە ئۇنى داۋاملىق كۈچكە ئىگە قىلغىلى بولىدىكەن. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نىڭ ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى» دا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىگە قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا چەكلىمىسى قويۇش ئېنىق بېكىتىلگەن.

ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، يېڭىدىن تەستىقلانغان ئامېرىكا «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى» دە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنىڭ ئورۇن ئېلىشى ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدىكەن. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇ ئەھۋالدىن ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.  

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.