ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتىنى قوللىغان
2024.11.22
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىستىخبارات، كۆزىتىش ۋە رازۋېدكا ھەرىكەتلىرىنى قوللاشقا باشلىغان. ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ خىزمەت ئەترىتى ئامېرىكا-فىلىپپىن ئىتتىپاقداشلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ماسلىشىشچانلىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ فىلىپپىن قوراللىق قىسىملىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى پائالىيىتىنى قوللىشىغا ياردەم بېرىدۇ».
«ئايۇڭگىن» دەپ ئاتالغان بۇ ئالاھىدە خىزمەت ئەترىتى، بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن فىلىپپىننى زىيارەت قىلغاندا تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە قىسمىنىڭ فىلىپپىننى قوللىشى، خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاينىڭ مانىلادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەن.
يېقىندىن بۇيان خىتاي بىلەن فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تېررىتورىيە دەتالاشلىرى جىددىيلىشىپ قالغان. خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت قىسىملىرى فىلىپپىننىڭ پاراخوتلىرىنى سوقۇپ زەخىملەندۈرۈش، سۇ زەمبىرىكى ئىشلىتىپ فىلىپپىنلىق دېڭىزچىلارنى يارىلاندۇرۇش ۋەقەلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن سادىر قىلغان.
خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان رايوننىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، خىتاي ئۆزىگە تەۋە دەپ قاراپ فىلىپپىن بىلەن تالىشىۋاتقان دېڭىز رايونى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن 1300 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەن. بۇ رايوننىڭ فىلىپپىنغا بولغان ئارىلىقى پەقەت 200 كىلومېتىر كېلىدىكەن. خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زېمىن داۋاسى ۋە زورلۇق-زومبۇلۇقلىرى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى كۈچلۈك بىئارام قىلىشقا باشلىغان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى» غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خەلقئاراغا ئوچۇق دېڭىزلىق ھالىتىنى داۋاملىق قوغداشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىشقان. لويد ئوستىنمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن «ئامېرىكا بۇ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى قوللاپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئوچۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ» دېگەن.