ئامېرىكا فىلىپپىنغا 4 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە 120 ھەربىي خادىم ئەۋەتتى
2016.06.19
فىلىپپىن خىتاي ئۈستىدىن خەلقئارا سوتقا سۇغان تېررىتورىيە شىكايەتنىڭ نەتىجىسى چىقىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا 4 دانە ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە AE - 18 G «گروۋلېر» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە 120 ھەربىي خادىمنى فىلىپپىنغا ئەۋەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەربىي ئايروپىلان ۋە خادىملار 15 - ئىيۇن فىلىپپىننىڭ لۇزون ئارىلىغا جايلاشقان ئامېرىكا كلارك ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا كېلىپ يەرلەشكەن.
«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «گروۋلېر» ئايروپىلانلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن رايوندىكى ھاۋا ۋە دېڭىز تەۋەلىكىنى قوغداش ھەمدە بۇ رايونلارغا كىرىش يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا قارىتىلغان ھەربىي مەشغۇلاتلارغا ھەمدەمدە بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۆزىنىڭ دەپ قاراپ، سپراتېل ۋە پاراسېل ئاراللىرى تەۋەسىدىكى بىر قىسىم خادا تاشلارنى تىندۇرۇپ سۈنئىي ئاراللارنى ياساشقا باشلىغان.
خىتاينى بۇ قىلمىشى مەزكۇر دېڭىزغا چېگرىلىنىدىغان فىلىپپىن، بىرۇنېي، مالايشىيا ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلىرىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە ئۇچرىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي فىلىپپىنغا قاراشلىق سكاربورو ئارىلىغا يېقىن بىر جايدىمۇ تەكشۈرۈشنى باشلىغان، شۇ ۋەجىدىن فىلىپپىن خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنغان، ئەمما خىتاي فىلىپپىننىڭ ئەرزىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
فىلىپپىن دائىرىلىرى بۇ يىل يانۋاردا ئامېرىكىغا 8 ھەربىي بازىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى قارار قىلغان. فىلىپپىن ھەربىي باياناتچىسىنىڭ 13 - يانۋار ئېيتىشىچە، فىلىپپىن دۆلەتلىك ئالىي سوتى فىلىپپىن - خىتاي ئارىسىدا شەكىللىنىۋاتقان جىددىيلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋاشىنگتون تەرەپ بىلەن تۈزۈلگەن بۇ ھەقتىكى كېلىشىمنى كۈچكە ئىگە قىلغان ئىكەن.