ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرى ئالماشتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.04.17

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى بۈگۈن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مەكگوۋېرننى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىدى. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى مىچ مەككوننېل كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبيونى مەزكۇر كومىتېتنىڭ قوشۇمچە رەئىسلىكىگە تەيىنلىدى.

جىم مەكگوۋېرن ئۆزىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش سۆزىدە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە مەركىزىي تېمىلاردىن بولۇشى لازىملىقىنى، بۇ ھەقلەرنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەرقانداق جايدا قوغدىلىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىپ مېڭىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسىگە ھەمدە بۇ ھالنى تاشقى دۇنياغا كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشىغا قارىتا كۆزىمىزنى يۇمۇۋالماستىن، ئەكسىچە بۇنىڭ سورىقىنى قىلىشىمىز لازىم» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئالدىنقى قارارلىق رەئىسى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبيو ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىن داۋاملىق ھالدا جىم مەكگوۋېرىن بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشتىن تولىمۇ بەخت ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىلغان سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋە ئىنسان ھەقلىرى ساھەسى بويىچە قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىكى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا قامىۋېلىشىغا ئوخشاش بىر قاتار قىلمىشلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن داۋاملىق ئۆز تىرىشچانلىقىمنى كۆرسىتىمەن،» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە ئىشلىرى كومىتېتى 2000-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ساھەسىدىكى ئەھۋاللىرىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل ئىكەن. مەزكۇر كومىتېت ھەر يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يىللىق دوكلات تاپشۇرىدىكەن. شۇنىڭدەك مەزكۇر كومىتېتنىڭ سىياسىي جىنايەتچىلەر ساندانىغا خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرمىگە تاشلىغان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىسىملىكى كىرگۈزۈلىدىكەن.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن توققۇز كىشى، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن توققۇز كىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەيئەت خادىملىرىدىن بەش كىشى بېكىتىلگەن بولۇپ، ھەرقايسى پالاتانىڭ رەئىسلىرى بىردىن كومىتېت رەئىسىنى بېكىتىدىكەن. بۇ رەئىسلەر بىرلىكتە مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.