ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى خىتاينى بىئارام قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن دۈشەنبە كۈنى فىنلاندىيە پايتەختى ھېلسىنكىدا ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىشكە كېلىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

پرېزىدېنت ترامپ پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھېچقاچان ھازىرقىدەك ناچارلىشىپ باقمىغانلىقى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكى، بىراق بۇ ئەھۋالنىڭ ھازىر ئۆزگەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

خەلقئارا ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۆزگىرىش رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تەۋرىتىپ قويىدىكەن. دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى «كونسېرىۋاتىپ ئامېرىكا» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ خىتايغا قارشى ئىتتىپاقلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكىدىكى ئاقىللار ئامبىرى - «دۆلەت مەنپەئەتى مەركىزى» مۇداپىئە پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى خارىي كازىئانىس قەلەمگە ئالغان ماقالىدا، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ خىتايغا قارشى ئىتتىپاقلىشىشىغا يېتەرلىك سەۋەبلەرنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلىپ، «رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا بىر-بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ مېڭىۋەرسە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بىر كۈنى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى، ئىقتىسادى كۈچ ھەربىي كۈچكە ئايلانسا قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە بۇ ھەقتىكى ئانالىزلار خىتاينى بىئارام قىلىشقا باشلىغان. خىتاي تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ سەيشەنبە كۈنى بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ «خىتاي-رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىشەنچى كامىل.

خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەرقانداق تاشقى ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ» دېگەن. لېكىن خارىي كازىئانىسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىر رۇسىيە خىتاي بىلەن دوستەك قىلسىمۇ، لېكىن كەلگۈسىدە ئۇ خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ پىلانى، قورال-ياراق رىقابىتى ۋە زېمىن مەسىلىلىرىدە جىددىي خىرىسىغا دۇچ كېلىدىكەن.