ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىرى ئوچۇق مۇنازىرە قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-09-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

16-سېنتەبىر كۈنى ئاخشام ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ 13 نەپەر پرېزىدېنت نامزاتى ئوچۇق مۇنازىرىگە قاتنىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى مەسىلىلىرىگە بولغان كۆز قاراشلىرى، سىياسىي پوزىتسىيىسى ۋە پىلانلىرى ئۈستىدە مۇنازىرىلەشتى.

مەزكۇر رىقابەت س ن ن قانىلى ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. بۇ نامزاتلارنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئوچۇق مۇنازىرىگە قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە نامزاتلىرى ئارىسىدا ھازىر ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقىنى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مىلياردارلارنىڭ بىرى، ئۆي-مۈلك زەردارى دونالد ترۇمپ بولۇپ، ئۇ ئاخشامقى مۇنازىرىدىمۇ يەنە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىسىم بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئوچۇق مۇنازىرىسى 13-ئۆكتەبىر كۈنى لاس ۋىگاس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. دېموكرات نامزاتلار ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى بېرنىي سەندېرىس ۋە ماريلاند شتاتىنىڭ سابىق شتات باشلىقى مارتېن ئومېللىيلەر ئورۇن ئالىدۇ.

بۇ نامزاتلار نۆۋەتتە 2016-يىلىدىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە قويۇلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئىككى نەپەر نامزاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت