ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى يۇقىرىلىتىش ئېھتىمالىغا قارشى، خىتايدا «خەلق پۇلى» نىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈش مۇزاكىرە قىلىنغان
2024.12.11
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى يۇقىرىلىتىشىدىن ئەنسىرىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسىنى (دوللار قارشىسىدىكى قىممىتىنى) چۈشۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئېكسپورتنى كۆپەيتىپ، ترامپنىڭ ئىككىنچى پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالى بولغان سودا خەۋپىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان.
دونالد ترامپ ئالدىنقى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە خىتايغا قارشى سودا ئۇرۇشىنىڭ پىلتىسىنى يېقىپ، خىتاينىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا نەچچە يۈز مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكا شىركىتى بولغان خۇاۋېينى چەكلەش ھەرىكىتى باشلاتقانىدى. ترامپ ئىككىنچى قېتىم پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن، خىتاي ماللىرىدىن كەم دېگەندە 60 پىرسەنت تاموژنا بېجى ئېلىشقا ۋەدە قىلىپ كەلمەكتە.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ ئىقتىسادشۇناسلار ئارىسىدا ئېلىپ بارغان راي سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارغا %40 كە يېقىن تاموژنا بېجى ئېلىشى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە دۇنيادا ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ھېسابلانغان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى 1 پىرسەنت تۆۋەنلىشى مۇمكىن ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا، خىتاي ئىقتىسادى ۋە دونالد ترامپنىڭ يېڭى سودا ئۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئېھتىمالىغا قارىتا يېڭى قارار ماقۇللىغان، خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ غايەت زور قەرزنى تۆلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 1 تىرىللىيون 400 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادنى رىغبەتلەندۈرۈش پىروگراممىسىنى جاكارلىغانىدى.
ھالبۇكى، دوكتور ئاندېرس كور قاتارلىق ئانالىزچىلار خىتايدا بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنى ئۆستۈرۈش ئەمەس، ئەكسىچە بازار ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.