ئامېرىكا قورال سېتىۋېلىش ۋە تەتقىق قىلىش خامچوتىنى ئاشۇرماقچى ئىكەن
2023.03.08
خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيەسىگە ئاجرىتىدىغان خامچوتىنى ئۆستۈرمەكچى بولغان.
«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكانىڭ تىنچلىق دەۋرىدىكى ئەڭ كۆپ ھەربىي خامچوتىنى ئېلان قىلىدىكەن. بۇ خامچوتنىڭ ئىچىدە 170 مىليارد دوللار قورال سېتىۋېلىشقا، 145 مىليارد دوللار ھەربىي قورال تەتقىقاتىغا ئىشلىتىلىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇكرائىناغا قورال توشۇۋاتقان ئامېرىكانىڭ ھەربىي خىراجىتى ئېشىپ كەتكەن، شۇنداقتىمۇ ئامېرىكا زېلىنىسكىغا ياردەم قىلىپ رۇسىيەنى ئۇكرائىنادىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ئايرىم مەبلەغ ئاجراتقان. يېڭىدىن ئېلان قىلىنىدىغان خامچوت بولسا ئاساسەن خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى ئامېرىكادىكى ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىدىن سېتىۋالىدىغان ھەمدە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا مەبلەغ سالىدىغان قوراللار ئاساسەن يېڭى تىپتىكى F-35 كۈرەشچى ئايروپىلانى، قىتئەلەر ئارا ھۇجۇم قىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، خىتاينىڭ يوشۇرۇن ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا كېرەكلىك يىراق مۇساپىلىق بومبا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.